تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي، كەسكىن قوغدايمەن

  قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى سۆگەتلىك كوچىسى مەھەللە ئىش باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سانبىلىگ

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەردە مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، شىنجاڭ جەمئىيىتىدە ئومۇملۇق مۇقىم، ۋەزىيەت تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، يۈزلىنىش ياخشى ھالەت كۆرۈلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر، ھەتتا بەزىدە ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى دۇچ كەلگەن خىرىس يەنىلا كەسكىن، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل. بىز جەزمەن غايە – ئېتىقادىمىز ۋە سىياسىي مەيدانىمىزنى چىڭىتىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز تارماق، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق، دەيدىغان ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەرۋاقىت چىڭىتىپ، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  مەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى:

  سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەيمەن. مەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان قاتتىق ۋەزىپە قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ھالقىلىق پەيتتە ھۇجۇمغا ئۆتەلەيدىغان، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولىمەن.

  مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىشتا چىڭ تۇرىمەن. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. مەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى قەتئىي تۈردە ياخشى، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەيمەن، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم قۇرىمەن.

  ئىستىلىمنى كۈچەپ ئۆزگەرتىمەن. مەن ئېسىل خىزمەت ئىستىلىم بىلەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

  مەن ھەققانىيەت سادايىم، قەدەمنى بىردەك ئېلىش ھەرىكىتىم ئارقىلىق بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي، كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى