تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى›› ناملىق كىنو بېيجىڭدا تۇنجى قويۇلدى

  فىلىمدە قازاق چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر بايان قىلىنغان

سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 11-كۈنى فىلىم ئىشلىگۈچىلەر تۇنجى قويۇش مۇراسىمىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، تيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ھۆججەتلىك كىنو ‹‹يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى›› بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تۇنجى قويۇلدى. بۇ فىلىم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەشتىكى نۇقتىلىق كىنولار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  فىلىم ۋەقەلىكى قۇمار بىلەن قادىشا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقەدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتتىن باشلانغان بولۇپ، 40 يىلدىن بۇيانقى چارۋىچىلارنىڭ يايلاقتىكى كۆچمەن تۇرمۇشى ھەمدە بۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشى، پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىياتى، ھاياتلىق مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەۋلادمۇئەۋلاد سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ ياشاپ كەلگەن جۇڭگودىكى قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئۆتمۈش بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلانغانلىقى بايان قىلىنغان.

    تۇنجى قويۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تاماشىبىن گو لىڭيۈن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كىنو كىشىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدىكەن. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بۇ كىنونى كۆرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىنودىكى ھەر بىر كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇيالمايمەن. قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنىڭ جاپالىقلىقى، قازاق مىللىتىنىڭ قەيسەر، ئۈمىدۋار روھى، پېشقەدەم قازاقلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا يۈزلەنگەندە دەسلەپكى كۆنەلمەسلىكتىن، بارا – بارا كۆنۈشكىچە بولغان جەرياندىكى ئۆزگىرىشى تەپسىلىي، دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. بۇنىڭدىن سىرت، فىلىمدە يەنە ئادەملەر بىلەن ھايۋاناتلار ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نامايان قىلىنغان بولۇپ، مەزمۇنى چوڭقۇر، كىشىلەرگە نۇرغۇن تەپەككۇر بوشلۇقى قالدۇرۇلغان.

  فىلىم ئىشلىگۈچى، باش فىلىم ئىشلىگۈچى، تيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇاڭگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: فىلىمدە قازاقلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى تولۇق كۆرۈنۈش شەكلىدە قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك خاتىرە سۈرەتكە ئېلىندى. كىنونى پىلانلاش، تۈر تۇرغۇزۇشتىن سۈرەتكە ئېلىش تاماملانغۇچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتتى. فىلىمدە ئەسلىي ئېكولوگىيە خاتىرىسى بىلەن ۋەقەلىكنى كومېدىيەلىك ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە، ھۆججەتلىك كىنو ئۇسلۇبىدا يېڭىلىق يارىتىشتا دادىل ئىزدىنىلدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق تارىخىدىكى تۇنجى چوڭ ئېكرانلىق كىنو، بۇ فىلىم 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدا تۇنجى قويۇلىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، دۆلەت كىنو ئىدارىسى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىدىكى كۇرسانتلار، بېيجىڭدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە بېيجىڭدىكى قىسمەن شىنجاڭلىق زاتلار بۇ كىنونىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم كۆردى.

  تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇردى، جۇڭگو كىنو پاي چەكلىك شىركىتى، تيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى