تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىز ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىغا تايىنىپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى سائەت 12لەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا سوتچىسى ئۇزاق مۇددەت قانۇنىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىغان ئىجرا قىلىنغۇچى ما xx قۇرغان شىنجاڭ مەلۇم دورا گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مالىيە ئىشخانىسىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى، يېرىم سائەتتىن كېيىن، يوشۇرۇنۇۋالغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ما xx تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى تېلېفون بېرىپ: ‹‹مەن دەرھال ئامال قىلىپ پۇل جەملەپ، تېزدىن سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ پۇل قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىمەن...›› دېدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈن جىنلياڭ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغاندىلا، ئىجرا قىلىنغۇچىنى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجرا قىلىشقا قىستىغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى پائالىيەتچان ئەدلىيە ئىشلىرىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئالاقىدار ھەمكارلاشقۇچى تارماقلار بىلەن سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىغا تايىنىپ، تارماقلار بىرلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى ئەڭ زور چەكتە تارايتىپ، تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ‹‹2017 – يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ھەم ۋەزىپە تەقسىماتى لايىھەسى››گە ئاساسەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى كەينى – كەينىدىن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى، كېسىمىنى ئىجرا قىلمىغان جىنايى قىلمىشلارغا مەركەزلىك زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇقمۇ ئىجرا قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش يامان غەرىزىدە بولغان، ئىجرا قىلىشقا زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارغا كەسكىن مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىرلىك سەپ بۆلۈمى بىلەن بىرلىشىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىكى زاتلارنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، ھۆكۈمنى، كېسىمنى ئىجرا قىلمىغان جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بەردى؛ زېمىن بايلىقى تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ‹‹باش ئاپپارات بىلەن باش ئاپپارات›› توردا تەكشۈرۈش، تىزگىنلەش سىستېمىسىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە ئېچىۋەتتى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 120 يەرلىك بانكا پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىگە توردا تەكشۈرۈش، تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى رەسمىي ئېچىۋەتتى.

  بۇنىڭدىن سىرت، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ئەمەلىي خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارغا ئىناۋەت ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىش تەدبىرى قوللاندى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تورىدا لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارنى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى، ئىستېمالى چەكلەنگەن ئىجرا قىلىنغۇچىلارنى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى، ئىجرا قىلىشتا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان دېلولارنى ئاشكارىلاش ۋە سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇلدى؛ كورلا تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسى لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارغا ‹‹رەڭلىك قوڭغۇراق›› بېكىتتى؛ فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارنى ئاشكارىلاش دائىرىسىنى يېزا – بازار، كەنت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغىچە كېڭەيتىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارنى ‹‹ھەممىلا جايدا بىلگىلى بولىدىغان›› قىلدى؛ شىخەنزە شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش پاراۋانلىق ئېلانىنى سۈرەتكە ئېلىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  ‹‹يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام››. سۈن جىنلياڭ مۇنداق دېدى: لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىغا ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزۈپ، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارنى خاتىرجەم يۈرەلمەيدىغان، پۇل تاپالمايدىغان، بەختتىن بەھرىمەن بولالمايدىغان، قاچىدىغانغا يول تاپالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغاندىلا، ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كۈچ قوشقىلى، لەۋزىدە تۇرىدىغانلارنى ھەقىقىي تۈردە خاتىرجەم ئىش قىلىش، ئازادە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

   2010 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا 92 مىڭدىن ئارتۇق كىشى لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئىناۋەت ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلدى، يۇقىرى ئىستېمالى چەكلەنگەنلەر 80 نەچچە مىڭ ئادەم (قېتىم)گە، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى چەكلەنگەنلەر 210 نەچچە مىڭ ئادەم(قېتىم)گە، تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇشى چەكلەنگەنلەر 20 نەچچە مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان تېخىمۇ كۆپ ئىجرا قىلىنغۇچىلار ئىناۋەت ئاگاھلاندۇرۇشىدىن چۆچۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى