تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جاي – جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر گۈزەل خوتەندە جەم بولدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شى يىڭيىڭ

9 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، ‹‹تيەنجىن – خوتەن›› ناملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ خوتەنگە كەلگەن ساياھەتچى جاۋ جىخېڭ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭغا كېلىشنى، خوتەنگە بېرىشنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم، بۇ قېتىم خوتەنگە ساياھەتكە كېلىپ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇيۇمغا يەتتىم.

  ھازىر شىنجاڭ ئىچى – سىرتىدىكى بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى خوتەننى ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىدىغان بولدى. بۇ يىل 1 – ئايدىن 8 – ئايغىچە، خوتەن ۋىلايىتى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن 1 مىليون 385 مىڭ 600 ئادەم(قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.67 ئاشتى؛ ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 1 مىليارد 807 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.51 ئاشتى.

  بۇ يىل خوتەننىڭ ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، دېيىشكە بولىدۇ، ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 3 – كۈنىگىچە، ‹‹تيەنجىن – خوتەن›› ناملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ كەلگەن تيەنجىنلىك 500 ساياھەتچى خوتەندە ئۈچ كۈن بەھۇزۇر ساياھەت قىلدى. ئۇلار كوئېنلۇن تېغى چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا قارلىق تاغ، ئوتلاقنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلاندى؛ خوتەن شەھىرىنىڭ ئەتلەس يىپەك زاۋۇتىدا ئەتلەس يىپەكلىرىنىڭ ئۆزگىچە بوياقچىلىق تېخنىكىسىنى كۆردى؛ خوتەن شەھىرى شىنمىڭ نەنگو شەھەرچىسىدە خوتەننىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىدىن ھۇزۇرلاندى؛ خوتەن ناھىيەسىنىڭ 1000 كىلومېتىرلىق ئۈزۈم بارىڭى كارىدورى، ياڭاق پادىشاھى باغچىسىدا تەبىئەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلاندى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى كەسىپ تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن سۇڭمېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل، قۇملۇق يىپەك يولى بۇددا دىنىنى چۈشىنىش سەپىرى، تاغلار ئەجدادى قارلىق تاغ چارۋىچىلىق مەيدانى سەپىرى، كوئېنلۇن دەريا ۋادىسى قاشتېشى سەپىرى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت مەنزىرە سەپىرىدىن ئىبارەت تۆت ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردۇق. بۇ ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن ۋە بىرىكتۈرۈلگەن، بۇلار خوتەن ساياھىتىنىڭ ئۈچ چوڭ قىزىق نۇقتىسى، يەنى، بىرىنچىدىن، دۆلەت قاشتېشى ماكانىنىڭ ئۇزاق تارىخى؛ ئىككىنچىدىن، يىپەك يولى داڭلىق شەھىرىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى؛ ئۈچىنچىدىن، ناخشا – ئۇسسۇل ماكانىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئۆرپ – ئادىتىنى تولۇق نامايان قىلغان.

  ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى خوتەننىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى جانلاندۇردى. خوتەن ناھىيەسىنىڭ ياڭاق پادىشاھى باغچىسى ئالدىدا قۇرۇق يەل – يېمىش ساتىدىغان ئادىلە مەمتىمىن بۇ يىل دېھقانلاردىن زور مىقداردا ياڭاق، ئۈزۈم، چىلان سېتىۋالدى. ئادىلە مەمتىمىن تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولدى، قۇرۇق مېۋە سوداممۇ ئالاھىدە ياخشى بولدى. بۇ يىل مەن ئىككى توننىدىن ئارتۇق قۇرۇق مېۋە ساتالايمەن.

  خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى ھەر بىر تىجارەتچىنىڭ يايمىسىغا ۋىۋىسكا تىكلەپ قويۇلغانىدى، زىخ كاۋىپى، قوقاستا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، ئۆپكە – ھېسىپ، قېتىقلىق تاڭزۇڭزا قاتارلىق ھەرخىل مەززىلىك تائاملار كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. تيەنجىنلىك ساياھەتچى ما يۈفېن مۇنداق دېدى: خوتەن كەچلىك بازىرى ئۆلچەملىك، پاكىز ئىكەن، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى كۆپ بولغاچقا، بىزنى ئەڭ جەلپ قىلدى.

  خوتەنگە كەلگەن ھەر بىر ساياھەتچى ‹‹خوتەن تەسىراتى . خوتەن سىزنى قارشى ئالىدۇ›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات – سەنئەت ئويۇنىنى كۆرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ، بۇ ئەدەبىيات – سەنئەت ئويۇنىدا كوئېنلۇن تېغىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ناخشا – ئۇسسۇل شەكلىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  تيەنجىنلىك ساياھەتچى جاڭ ۋېنچاۋ مۇنداق دېدى: ئويۇندىكى مىللىي چالغۇ – ئەسۋابلار بىلەن ئورۇنلانغان نومۇرلار مېنى ئىنتايىن جەلپ قىلدى. بۇ مېنىڭ مۇقام ئويۇنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ئۇ تولىمۇ جەلپ قىلارلىق ئىكەن، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن.

  خوتەن يېڭى قاشتېشى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى مۇيەسسەر ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ خوتەننى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشى ئۈچۈن، يېڭى قاشتېشى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى بۇ مەيدان ئويۇننى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى. ئويۇنغا يەنە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلدى.

  ‹‹تيەنجىن – خوتەن›› ناملىق پويىز 9 – ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى جاڭ چۈنخۇا مۇنداق دېدى: بۇ جايدا مەن ھاياتىي كۈچكە تولغان خوتەننى تولۇق ھېس قىلدىم. قايتقاندىن كېيىن كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىمنى ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوست – بۇرادەرلىرىمگە سۆزلەپ بېرىمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى خوتەنگە كېلىشكە، خوتەننىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىشقا دەۋەت قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى