تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم كادىرلار ئىش ئورنىغا بېرىپ دەرس ئۆتۈشكە باشلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتكەن 10 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ئىش ئورنىغا بېرىپ دەرس ئۆتۈشكە باشلايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرغان. مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار داۋاملىق ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان دۆلەت مەمۇرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىققا يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغانلار ھەم بىڭتۈەندىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ۋە دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى مائارىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش ئەڭ مۇھىم تاللاپ ئەۋەتىش شەرتى قىلىنغان.

  9– ئاينىڭ بېشىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان 10 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنىڭ ھەممىسى تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولدى. بۇ يىل مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مەخسۇس تەربىيەلەش يېتەكچى لايىھەسى تۈزدى. 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنى تەشكىللەپ، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى سەككىز كۈنلۈك مەركەزلىك تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، بارلىق يەسلىلەر يەنە ئاز دېگەندە بىر ئاي بىللە ئەمەلىي تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ھەيدەكچىلىك قىلىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، مائارىپقا ياردەم بېرىشكە يېڭىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ تەربىيەلىنىش، ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قوللانمىسى تۈزۈپ، مائارىپقا ياردەم بېرىشكە يېڭىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن كادىرلارغا يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا قولايلىق يارىتىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، 2016 – يىلى، 2017 – يىلى مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقان كادىرلار ئارىسىدا مائارىپقا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان كادىرلاردىن يەنە 800ى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، ئۇلار شۇ جايدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ‹‹يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش›› رولىنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى بىر تۈركۈم مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارغا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەسلى مائارىپى خىزمىتىگە ماسلىشىپ، لاياقەتلىك يەسلى ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى