تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئىش ئورنىدا تىرىشىپ يېڭى تۆھپە قوشىمىز

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشقا ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى، سۆزنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەپ، كاللىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرىمىز، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىمىز، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مائارىپ – ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، خاراكتېرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىشنى خىزمەت نىشانى قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانداق ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. مائارىپىمىز سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر پەرھات ھېزىم مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى. باش شۇجىنىڭ سۆزى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەرنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تېزدىن تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن، سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولىدۇ؛ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاۋانگارتلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئۈلگىلەردىن بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىش، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىش، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  شىنجاڭ داشۆ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چەي لىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تۈپ مىزان قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پەن سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ سىياسىي ساپادا قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسپىي ئىقتىداردا كامالەتكە يەتكەن، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئۈستۈن بولغان يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچىلەردىن ۋە يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇش مەسئۇلىيىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرىمىز.

  ئوقۇغۇچىلارنى دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تەربىيەلەيمىز ۋە يېتەكلەيمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى تىكلەشكە، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئىرادە باغلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مائارىپ پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي شىيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەشقەرنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مائارىپ خىزمىتىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دىققەتنى باشتىن – ئاخىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەمنى تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش››تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشى، كەسپىي مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ھەمدە مائارىپ ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ بازىنى ياخشى باشقۇرۇپ، قەشقەرنىڭ مائارىپ خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.

  شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نا خۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىمەن. بىلىم ئۆگەتكەندىن باشقا، يەنە ئوقۇغۇچىلاردا روھ يېتىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەق – ناھەقنى ئايرىش، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە پۇختا يىلتىز تارتقۇزىمەن، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈش ۋە ھىمايە قىلىش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسىنى تىكلەش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلاش، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

  پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلىشى، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش چەكسىز شەرەپلىك، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بۇ شەرەپنى قەدىرلەپ، بۇ كەسىپنى سۆيۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ بەيخې مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش كەيپىياتى يارىتىش ئىنتايىن زۆرۈر، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئوقۇتقۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

  بورتالا شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ بورتالا شۆبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى تاللىغانىكەنمىز، چوقۇم ۋايسىماي، ئۆكۈنمەي كەسپىمىزنى قىزغىن سۆيۈشىمىز، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئىدىيەسىدە بولۇشىمىز، ۋەتەننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقى ئوقۇتقۇچىلاردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتكەنلىك، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلەپچان بولۇشىدىكى مىزان ھېسابلىنىدۇ.

  پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شاپتۇل بازىرى تۆۋەن جايئېرىق كەنتى يەسلىسىنىڭ باشلىقى يۈەن لوخۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت بالىلارغا مۇشۇنداق ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتى يارىتىپ بەردى، مەن چوقۇم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەپ، باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا يېتەكلەيمەن، بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەكنى سۆيىدىغان، ئۆگىنىدىغان، تەپەككۇر قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، يەسلى مائارىپىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايمەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ خۇەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوقۇتقۇچىلىق يولىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەخلاقى باش ئورۇندا تۇرىدۇ. ياش ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئېتىقادنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماي، غايىلىك، ئېتىقادلىق، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، پۇختا بىلىملىك، مېھرىبان، ياخشى ئوقۇتقۇچى بولىمەن. ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىمدە قەلبىمدىكى مائارىپقا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئامراق ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئىش ئورنىدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، ليۇ جىڭ، سۇ لۇپىڭ، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ جىخېڭ، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاڭ خۇارۇڭ، ۋاڭ جيەنۋۇ، چېن چېن، ۋاڭ ئەيجۈلەر يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى