تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو–رۇسىيە يەرلىك رەھبەرلەر سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى

9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك رەھبەرلەر سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىلادىۋوستوك، 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، لى جيەنمىن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ۋىلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك رەھبەرلەر سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.
    ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتلىشىش يىغىنىنىڭ ئەھۋالى ۋە جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.
   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت ۋە ئەڭ مۇھىم ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھى، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەنپەئەتنى بىرىكتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى قول تۇتۇشۇپ تاشقى خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارنى تۈگىتىپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يەرلىك ھەمكارلىق جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. دۆلەت ھەمكارلىقىدا يەرلىككە تايىنىپ، يەرلىكنى مەۋقە قىلىپ، يەرلىككە بەخت يارىتىش كېرەك. يەرلىك ھەمكارلىق قانچە قويۇق بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش ئاساسى شۇنچە پۇختا بولىدۇ. يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىقى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە دۇچ كېلىش بىلەن بىللە، يەنە يېڭى تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى.
   شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى يەرلىك ھەمكارلىقى توغرىسىدا تۆت تەكلىپ بەردى. بىرىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت مۇھىتىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىكنى ئارىلىشىپ ياخشى ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ ئەلا سودا مۇھىتى، تېخىمۇ قولايلىق ھەمكارلىق شارائىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، ھەمكارلىق تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىق رايونىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سۇپىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ھازىرقى مېخانىزمنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى شەكلىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىش كېرەك. ئۈچىنچى، بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان ئەۋزەللىكلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەمكارلىقنى دەل ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ھەمكارلىق ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئەۋزەللىكنى نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسى بەرپا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئەلرايى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت يەرلىكنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسىنى مېخانىزملاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا ياخشى تەسىر بېرىش ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەن پۇتىن زۇڭتۇڭ بىلەن 2018 – يىلىدىن 2019 – يىلىغىچە جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، يەرلىك ھەمكارلىقنى بۇ يىل ۋە كېلەر يىلىدىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ بېكىتتۇق. جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ دەل پەيتى يېتىپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەرقايسى يەرلىك جايلارنىڭ ھەمكارلىق تورتىنى چوڭايتىشىنى، ھەمكارلىق نەتىجىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو – رۇسىيە ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ئۆلكە، ئوبلاست ۋەكىللىرىنىڭ جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلىنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئورتاق ئېچىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەرلىك ھەمكارلىق رۇسىيە – جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككى دۆلەتتىكى يەرلىكنىڭ قويۇق ئىقتىساد – سودا ھەم ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رۇسىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى داۋاملىق ياخشى شارائىت ۋە مۇھىتقا ئىگە قىلىشنى خالايدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، رۇسىيە – جۇڭگو ئىككى تەرەپ يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلىنى پۇرسەت بىلىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەلئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقىدا ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
   بۇ قېتىمقى سۆھبەتلىشىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى ‹‹يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىقى››. جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، جىلىن ئۆلكىسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قاتارلىق توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايونىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم بىنخەي چېگرا رايونى، خاباروۋسك چېگرا رايونى، ئامۇر ئوبلاستى، يەھۇدى ئاپتونوم ئوبلاستى، ئارقا بايقال چېگرا رايونى، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى، تۆۋەن نوۋگورود ئوبلاستى، ئىركۇتسك ئوبلاستى، موسكۋا ئوبلاستى، سۋېردلوۋسك ئوبلاستى، ياروسلاۋل ئوبلاستى، تۇرا ئوبلاستى، چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق 13 فېدېراتسىيە ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.
    سۆھبەتلىشىش يىغىنىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، يىراق شەرق قىياپىتى كوچىسىغا باردى. شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن يىراق شەرق قىياپىتى كوچىسىغا يېتىپ بارغاندا، شۇ جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر جۇڭخۇا چامباشچىلىق ئويۇنى كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئارقىدىن ئامۇر ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا ئائىت سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ھەم خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ۋە ئامۇر ئوبلاستىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر – سەنئەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ۋە ئامۇر ئوبلاستىنىڭ ئادىمىيەت ساھەسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئارقىدىن يەنە بېلىق بازىرىنى، رۇسىيە ياشلار يۇقىرى تېخنىكا كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن ئىشتىياق بىلەن يەرلىك ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنى ياساپ باقتى، ئۇلار يەنە ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.
    دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.