رۇسىيەگە بېرىپ 4–نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئايرىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىلادىۋوستوك، 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ۋۇ گاڭ، مېڭ نا). 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكقا يېتىپ باردى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 4 – نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ۋىلادىۋوستوك خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكىدىن چىققاندا، رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.
دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغانلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا بىللە باردى.
جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۈيمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
بۇ نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى ‹‹يىراق شەرق: تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت››. بۇ مەزگىلدە، شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىدۇ ھەم جۇڭگو – رۇسىيە ئىقتىساد – سودا، ئادىمىيەت، يەرلىك ئالاقە قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلىكتە قاتنىشىدۇ. شى جىنپىڭ يەنە مۇنبەرگە قاتناشقان ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكقا بېرىپ، 4 – نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ.
شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار بار.