تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

9- ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىلادىۋوستوك، 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار خۇ شياۋگۇاڭ، لو جۈن، جېڭ شياۋيى). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ۋىلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ ئاكتىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ تېز تەرەققىيات يېڭى مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى قەتئىي ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا بېيجىڭ ۋە جوھاننىسبۇرگتا مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۈم. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆز دىپلوماتىيە قارالمىسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلانماقتا. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئۆز خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، چوڭ دۆلەت، قوشنا دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈلگە تىكلىدى. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ مۇقىم يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن – تېخنىكىنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق – ئالاقە يىلى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتتىكى تېخىمۇ كۆپ جايلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىنى ئۆزئارا قوللاش ـــ جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى. شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشنى زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئۆزى تەشەببۇس قىلغان، ھازىر ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان، رايونلار ھەمكارلىقىنى ئورتاق كېڭىشىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئاساسلىق گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدا قويۇق ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە سودا قورۇقچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپكە بىنائەن شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە قىزغىن قارشى ئالىمەن. مېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلىغانلىقىم رۇسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچى كۈنسېرى كۈچەيدى، سىياسىي، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. ئىككى تەرەپ ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، ئالەم قاتنىشى، پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا نۇرغۇن بىردەك قاراشقا ئىگە، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي توسۇپ، ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

   ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى ھەم بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.