تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلايلى

  مائارىپ گۈللەنسە، دۆلەت گۈللىنىدۇ؛ مائارىپ كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.

  ئالتۇن كۈز شامىلى كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان، كۈز مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان 9 – ئايدا، بىز 34 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى كۈتۈۋالدۇق. ئوقۇتقۇچىلارغا مەنسۇپ بۇ بايرامدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنى ئېچىشى پارتىيەمىزنىڭ ئەزەلدىن مائارىپقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەتلىك بىر قەدىمىي دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەقىل – پاراسەت ۋە ئۆگىنىشنى قەدىرلەشتەك قىممەت ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، مائارىپ خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، دۆلىتىمىز مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مائارىپ خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشقا ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇ يېڭى ۋەزىيەتتە مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

  مائارىپ دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتتى، مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلەتتى، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەنلەشتى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلدى، مائارىپ جەھەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، دۆلىتىمىز مائارىپىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشى تېزلەشتى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى.

  مۇشۇ بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىدىكى تۈپ سەۋەب، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ بولغانلىقىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى – تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنى ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››قا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، مائارىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىپ، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ ئىسلاھاتىدا، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مائارىپنىڭ مۇھىم بۇرچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇللۇق خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش›› پارتىيەمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن، چوقۇم باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشتا چوقۇم يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپنى ئىگىلەش كېرەك. يېڭى دەۋرگە كىردۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مائارىپ ۋە ئۆگىنىشكە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. مائارىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە تارىخىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ خەلقئارا نەزەر دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم باشلامچى قەدەم قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، مائارىپنى ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشتۇرغىلى، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىغا لايىقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشتا، چوقۇم ‹‹قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش››تىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، بۇ، مائارىپىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى، چوقۇم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇللۇق خىزمەت قىلىپ، زور، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىسلاھات مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، چوقۇم مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ سىستېمىلىقلىقى، پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى قوزغىتىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، چوقۇم پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  مائارىپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئەخلاق – سىياسىي قۇرۇلۇش. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجى، پەننىي بىلىملەر ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تەخىرسىز بولۇۋاتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرساقلا، بىز چوقۇم خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، ئۇنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى