تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چىن رىشتىدىن ياسالغان «ئىتتىپاقلىق يولى»

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازىرى ليۇخۇدى كەنتىدىكى 74 ياشلىق ئاھالە ھەمراخان مەمەت 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىشىكى ئالدىدىكى يېڭىلا رېمونت قىلىنغان كۆۋرۈك ۋە كېڭەيتىلگەن يولنى كۆرسىتىپ خۇشال ھالدا: «ئەمدى ياخشى بولدى، مېنىڭ ياخشى ئوغلۇم كۆۋرۈكنى رېمونت قىلىپ بەردى، يولمۇ كېڭەيدى، ئەمدى نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقا يىراق يوللارنى ئايلىنىپ ماڭمىساممۇ بولىدىغان بولدى، قىزىمنىڭ ياققان نېنىنى سېتىشقىمۇ قولايلىق يارىتىلدى».

  ھەمراخاننىڭ بۇ «ياخشى ئوغلى» بولسا ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان جىمىسار ناھىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ كادىرى گاۋ جيەن ئىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گاۋ جيەن ئائىلىسى بىلەن ھەمراخان ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىققا تولغان ھېكايىسى ليۇخۇدى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داستانىغا ئايلاندى.

  ليۇخۇدى كەنتىدە بىر ئۆستەڭ بار، ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى توغاننىڭ شەرقىدە، ھەمراخاننىڭ ئۆيى توغاننىڭ غەربىدە بولۇپ، مەھەللىدىن يىراق ئىدى. ئادەتتە ئۇ نان يېقىپ ۋە ئۇششاق-چۈششەك سودا قىلىپ كۈن كەچۈرىدىغان قىزى بىلەن بىرگە تۇراتتى. نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇدا ياغقان بىر نەچچە قېتىملىق قاتتىق يامغۇردا ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى مەھەللە بىلەن تۇتىشىدىغان بىردىنبىر كۆۋرۈك بۇزۇلۇپ كەتتى، كۆۋرۈكنىڭ يېنىدىكى توپىلىق يولمۇ ئېگىز-پەس بولۇپ، ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايىدا پاتقاقچىلىق بولۇپ كېتەتتى.

  يېقىندا گاۋ جيەن ھەمراخاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ يول ئەھۋالىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئەندىشە قىلدى. گاۋ جيەن ھەمرانخانغا غەلخورلۇقىنى بىلدۈرۈپ: «ھامما، بۇ ئىشنى مەن ھەل قىلاي» دېدى. ئارقىدىنلا گاۋ جيەن دوستى بىلەن ئالاقىلىشىپ قېزىش ماشىنىسى، كۈرەكلىك ئېلېۋاتور قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى تېپىپ كەلدى، يەنە تۆت سېمونت تۇرۇبا، شېغىل-تاش قاتارلىق يول ۋە كۆۋرۈك ياساشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالدى. گاۋ جيەننىڭ دوستى ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، ماشىنا ھەققىنى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا كۆۋرۈك رېمونت قىلىنىپ، يولمۇ كېڭەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى