تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دىيابېت بىمارلىرى بەش خىل ئىچىملىكتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك

  تۇرمۇشىمىزدا ئىچىملىكنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، لېكىن دىيابېت بىمارلىرى بۇ ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتە چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى سوڭ شىن كۆپچىلىككە تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى بېرىدۇ:

  1. كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكلىرى. بۇ خىل ئىچىملىكلەردە شېكەر كۆپ بولۇپ، دىيابېت بىمارلىرى ئىچكەندە «چىشنى قۇرت يېيىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى بار دىيابېت بىمارلىرىنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

  2. ئەتكەن چاي. يېقىندا نىڭبو شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەرخىل ئەتكەن چايلارنى تەكشۈرۈپ شۇنى بايقىدىكى، بىر ئىستاكان 750 مىللىمېتىرلىق ئادەتتىكى ئەتكەن چايدا شېكەر 11-99 گىرامغىچە بولۇپ، شېكەر مىقدارى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.

  3. ھاراق تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر. ئىسپىرت قان شېكىرى تۆۋەنلەش كېسىلىنى قوزغايدۇ، ئاندىن قان شېكىرىنىڭ تېزلا ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  4. نەق مەيداندا ئېزىپ چىقىرىلغان ئىچىملىكلەر. بۇ خىل ئىچىملىكتە كۆپ خىل مېۋە-چېۋە تەركىبىدىكى شېكەرنىڭ مىقدارى قويۇلدۇرۇلغان بولۇپ، ئازراق دىققەت قىلمىسىلا قوبۇل قىلىش ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  5. قەھۋە. قەھۋە تەركىبىدىكى كوفىئىن بىلەن قەھۋە ھەمراھى تەتۈر شەكلىدىكى ماي كىسلاتاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، يۈرەك، قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى