تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ياشلار، ئۆسمۈرلەر ھاراق ئىچىپ تاماكا چەكسە ئاسانلا ئارتېرىيە قېتىش كېلىپ چىقىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. ئەنگلىيە «ياۋروپا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە،  ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ھاراق ئىچكەندە ياكى تاماكا چەككەندە ئارتېرىيە زەخمىلىنىپ، ئارتېرىيە قېتىشىش ئەھۋال پەيدا بولىدىكەن. ئەگەر بۇ ئىككى خىل ئادەت تەڭلا مەۋجۇت بولسا، زەخمىلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن. ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، ئارتېرىيە قېتىشىشتىن يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى، دېۋەڭلىك ۋە ئۆلۈم خەۋپى ئاشىدىكەن.

    لوندون داشۆسى پادىشاھ شۆيۈەنى بىلەن بىرىستول داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى بىر تۈرلۈك كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان، ئۇلار ئەنگلىيەنىڭ ئاۋوندىكى 1266 ياش ۋە ئۆسمۈرنىڭ بەدەن سانلىق مەلۇماتىنى يىغقان ھەم بۇلار ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار 13 ياش، 15 ياش ۋە 17 ياشتىكى تاماكا چىكىش ۋە ھاراق ئىچىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدە بولمىغان بىر خىل قۇرۇلما ئارقىلىق يۈرەك سوقۇشنىڭ بويۇن ئارتېرىيەسى ۋە يوتا ئارتېرىيەسى ئارىسىدا تارقىلىش سۈرئىتىنى ئۆلچىگەن. ئارتېرىيە قان تومۇرى قانچە ساغلام، ئېلاستىكىلىقى قانچە يۇقىرى بولسا، تومۇر سوقۇش دولقۇنىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى شۇنچە ئاستا بولغان.

    نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 17 ياشلىقلارنىڭ تاماكا چېكىشنى باشلاپ 17  ياشقا توشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى چەككەن تاماكا سانى ئەگەر جەمئىي 100 تالغا يەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ تومۇر سوقۇش دولقۇنىنىڭ  ئوتتۇرىچە سۈرئىتى 20 تال تاماكىنى ئاز چەككەنلەرگە قارىغاندا %3.7 تېز بولغان. كۈندە ئىچكەن ھارىقى 10 رومكىدىن ئېشىپ كەتكەن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تومۇر سوقۇش دولقۇنىنىڭ ئوتتۇرىچە سۈرئىتى كۈندە ھاراقنى ئىككى رومكا ئاز ئىچىدىغان ئوخشاش ياشتىكىلەردىن %4.7 تېز بولغان. ھەم ھاراق ئىچىپ، ھەم تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ ئارتېرىيەسى تېخىمۇ چوڭ زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تومۇر سوقۇش دولقۇنى سۈرئىتى ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا %10.8 تېز بولغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە بالدۇرراق تاماكا تاشلىغاندا ئارتېرىيە ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئاممىۋى سەھىيە تارماقلىرىدىن تەدبىر قوللىنىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشتەك ناچار ئادەتلىرىنى توسۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك قان تومۇرى ساغلاملىقىنى ئاسرىشىغا ياردەم بېرىش تەكلىپىنى بەردى.

    ئارتېرىيە قېتىشىش بولسا ئارتېرىيەنىڭ بىر خىل غەيرىي ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئارتېرىيە نەيچە دىۋارىنى قېلىنلاشتۇرۇپ ھەم قاتتىقلاشتۇرۇپ، ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، نەيچە بوشلۇقىنى تارايتىۋېتىدۇ. ئارتېرىيە قېتىشىش ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان قان تومۇرى كېسەللىكى، ئۇنىڭ قانۇنىيىتى ئادەتتە ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ، قېرىلىق مەزگىلىدە ئېغىرلىشىدۇ، كېسەللىك قوزغىلىدۇ.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا قىشلىق تىجارەت باشلاندى
  • كورلا شەھىرىدە كىشىلەر سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندى
  • كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى 11-ئاينىڭ ‏‏17-كۈنى باشلىنىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى