كۈز پەسلى كۆكتوقاينىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىلى بولۇپ، تەبىئەت ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى. كەڭ كەتكەن بۇ زېمىندا سىز قوي-كالىلارنىڭ بەھۇزۇر ئوتلاۋاتقانلىقىنى، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. ئالتۇن كۈزنىڭ «قەدىمى» بۇ جايغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، كۆكتوقايدىكى مەنزىرىسى كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان گۈل دېڭىزى تېخىمۇ جىلۋە قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى.
كۆكتوقايدا قەد كۆتۈرگەن ھەيۋەت تاغلار، ئاپئاق بۇلۇتلار، رەڭگارەڭ گۈل-گىياھلار بىرىكىپ، بۇ جاينى خۇددى بىر پارچە سۇ بۇياق رەسىمگە ئوخشىتىپ قويغانىدى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، سېرىق، يېشىل رەڭلەر گىرەلەشكەن باش كۈزدىكى گۈزەل كۆكتوقاي سىزنىڭ ساياھەت سەپىرىڭىزدىكى ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل بىر ئەسلىمە بولۇپ قالغۇسى.
ئالتاي نۆل ئارىلىق ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى