تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن

  ئارشاڭ ناھىيەسى كۆكتوخا نەسىللىك چارۋا مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەندۇلى

  شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندىكى بىر ئەزا بولغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. بالىلىق چېغىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، مېنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتتىن نۇرغۇن دوستۇم، ساۋاقدىشىم ۋە خىزمەتدىشىم بار بولۇپ، بىز ئوخشاش بىر چوڭ ئائىلىدە خۇشال ئۆسۈپ يېتىلدۇق، بىز ئىتتىپاق، دوستانە، ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئۆزئارا چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ئورناتتۇق. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ، قان – قېرىنداشلارچە چوڭقۇر مۇھەببەت ئورناتتى. مەن پارتىيەمىزنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئۇلۇغ پارتىيەمىزگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـــ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە سىردىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلاش كېرەك. ھەر مىللەت قېرىنداشلار قېرىنداشلىق مېھرىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پائال ياخشى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى چۈشىنىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سېپىگە قوشۇلۇپ، ھەر ۋاقىت كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش جىنايى سۇيىقەستىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئاممىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىگە يول قويمايمەن. بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرىشىمىز كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى ئۇتىدىغان، ئاممىنى تالىشىدىغان، بازىنى تالىشىدىغان بىر مەيدان ھايات – ماماتلىق كۈرەشتۇر. بىز بۈگۈنكى خاتىرجەم كۈنگە پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئېرىشكەن، بىز چوقۇم مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي چەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك بولمىسا، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەرمىللەت خەلق قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئىتتىپاق ئۆتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى تەشەببۇسكارلىق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىدىغانلا بولسا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى