تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بۆلجۈرگەن ئۈچەينى ئاسرايدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۇزۇن ئولتۇرۇش نۇرغۇنلىغان ھازىرقى زامان كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك ياللۇغ خاراكتېرلىك ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى بار. يېقىندا ئامېرىكا ئالىملىرى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا بۆلجۈرگەن يەپ بەرگەندە بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنى يېنىكلىتىپ، ئۈچەي يولى ساغلاملىقىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    ياللۇغ خاراكتېرلىك ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى ئاساسلىقى يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە كىرون كېسىلى (سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۈچەي يولى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىمار دورا ئىچىش ياكى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللەتسە بولىدۇ، ئەمما يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشمۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا ماسساچۇستېس ئىشتاتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ياللۇغ خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان چاشقانغا بۆلجۈرگەن تالقىنى يېگۈزگەن، كۆزىتىشتىن بايقىلىشىچە، چاشقاننىڭ بوغماق ئۈچەي يولىدىكى ياللۇغ ئىنكاسى ئازايغان، بوغماق ئۈچەي دىۋارىدىكى ياللۇغقا قاتنىشىدىغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى سانى تۆۋەنلىگەن، ئۈچەي يولىدىكى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ سانى ئاشقان.

ماتېرىيال سۈرەت

    مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ يېتەكچىسى، ماسساچۇستېس داشۆسى ئامخېرست تارماق مەكتىپىنىڭ دوكتورى شياۋ خاڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقىدەك ئۇزۇن ئولتۇرۇپ، ئاز ھەرىكەت قىلىشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى مايلىق، تۆۋەن تالالىق يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلى قاتارلىقلار بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە ياللۇغ خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسەللىكى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش قىيىنغا توختىسا، يېمەك-ئىچمەكنى ياخشىلاش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كۈندە 250 گىرام بۆلجۈرگەن يېگەندە ئىچ سۈرۈش ئەھۋالى ۋە بوغماق ئۈچەي توقۇلمىسى ياللۇغىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، يەنە ياللۇغ خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى، ساغلام باكتېرىيەلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى يېنىكلىتىپ، ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەر توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى