تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سەككىز باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 10 – كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سەككىز باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

  9– ئاي، بېيجىڭنىڭ ئالتۇن كۈز پەسلى تولىمۇ ئىللىق ئىدى. خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى پەلەمپەيدە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئىككى رەت بولۇپ تىزىلغانىدى. كانايچىلار مېھمانلارنى قارشى ئېلىش مۇزىكىسىنى چالدى، جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلەر ئىلگىرى – كېيىن يېتىپ كېلىپ، پەلەمپەيدىن چىقىپ، بېيجىڭ زالىغا كىردى. ‹‹بېيجىڭنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى›› رەسىمى ئالدىدا، باش ئەلچىلەر تەرتىپ بويىچە دۆلەت خېتىنى شى جىنپىڭغا تاپشۇردى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ سەككىز باش ئەلچى: جەنۇبىي سۇداننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇكۇ، سان تومې ۋە پرىنسپېنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دومىنگوس، دومىنىكانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تۇنجى تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى گارابىتو، فىجىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاگىساكىبائۇ، چىلىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىمىت، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گېتې، سيېررالېئوننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ندوماھىنا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ بەي.

  شى جىنپىڭ ئەلچىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇلارغا ئۆز دۆلىتىنىڭ رەھبىرى ۋە خەلقىگە، ئالاقىدار ئاپپارات رەھبەرلىرىگە سەمىمىي سالىمىنى ۋە گۈزەل تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. باش ئەلچىلەردىن كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايون خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئەلچىلەر ئۆز دۆلىتى ۋە ئاپپارات رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز دۆلەت خەلقىگە ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار جۇڭگوغا باش ئەلچى بولۇپ كەلگەنلىكىدىن چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز دۆلىتى ۋە رايونىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلچىلەر جۇڭگونىڭ جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى ۋە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىدىكى يېڭى تەدبىرلەرگە يۈكسەك باھا بەردى.

   دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.