تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى

لى كېچياڭ سۆز قىلدى ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى

9 –ئاينىڭ 10 –كۈنى، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ۋۇ جىڭ، خۇ خاۋ). مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، خاراكتېرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىشنى خىزمەت نىشانى قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  9–ئاينىڭ 10–كۈنى ئېلىمىزنىڭ 34 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇزاقتىن بۇيان، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپىلەرنى قوشتى. ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغۇچى، بىلىم تارقىتىش، ئىدىيە تارقىتىش، ھەقىقەت تارقىتىش، روھ يارىتىش، ھاياتلىق يارىتىش، يېڭى كىشىلەرنى يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئورنى، ئىجتىمائىي ئورنى، كەسپىي ئورنىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تېگىشلىك ئىجتىمائىي نوپۇزدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خىزمەت ئورنىدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغان قىلىشى كېرەك.

    لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى. ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

    شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. مائارىپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، ھازىر ئەجىر قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سىياسىي تەدبىر، خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. مائارىپ دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق، مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلەتتۇق، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەنلەشتى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلدى، مائارىپ جەھەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، دۆلىتىمىز مائارىپىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشى تېزلەشتى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى.                                                          

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت جەريانىدا، بىز مائارىپ ئىسلاھاتى-تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلەندى: پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ مائارىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىپ مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مائارىپنىڭ مۇھىم بۇرچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇللۇق خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى بولۇپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن، ئۇنىڭدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مائارىپ ۋە ئۆگىنىشكە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە تارىخىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ خەلقئارا نەزەر دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم باشلامچى قەدەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنى ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشتۇرۇشىمىز، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىغا لايىقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانداق ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، بۇ، مائارىپىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. بۇ، مائارىپ خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، شۇنداقلا مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى تۇرغۇزۇشقا، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئىرادە باغلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈش ۋە ھىمايە قىلىش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسىنى تىكلەش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئەخلاق-پەزىلەتنى پۇختا، ياخشى يېتىلدۈرۈش، كۆيۈمچان، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، مېھىر-مۇھەببەتلىك كىشىلەردىن بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. بىلىمنى ئاشۇرۇش، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش دەۋرىنى قەدىرلەپ، قېتىرقىنىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى بېيىتىپ، ھەقىقەت ئىزدەش، قائىدىنى چۈشىنىش، ئىشنىڭ يولىنى بىلىش يۆنىلىشىنى بويلاپ ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھىنى چېنىقتۇرۇپ، دادىل كۈرەش قىلىدىغان روھىي ھالەت، ئۈمىدۋار كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيەسى بىلەن قەيسەر، قابىل بولۇش، بوشاشماي ئالغا بېسىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى يېتىلدۈرۈشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ساغلاملىق بىرىنچى دەيدىغان مائارىپ ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تەنتەربىيە دەرسىنى تولۇق ۋە يېتەرلىك تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنھەرىكەت ئارقىلىق چېنىقىشتىن ھۇزۇر ئېلىشى، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىشى، ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى، ئىرادىسىنى تاۋلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. مەكتەپ گۈزەللىك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، گۈزەللىك ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېستېتىكا ۋە ئادىمىيەت ساپاسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەش، ئەمگەكنىڭ ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەكنىڭ ئەڭ يۈكسەك، ئەمگەكنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەكنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىدەك قائىدىنى چۈشىنىشكە، چوڭ بولغاندىن كېيىن تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسى، مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيەسى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بۇ نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلاش، ئوقۇتقۇچىلار بۇ نىشاننى چۆرىدەپ ئۆگىتىش، ئوقۇغۇچىلار بۇ نىشاننى چۆرىدەپ ئۆگىنىش كېرەك. بۇ نىشانغا يېتىشكە پايدىسىز بولغان ھەر قانداق ئۇسۇلنى قەتئىي ئۆزگەرتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش چەكسىز شەرەپلىك، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بۇ شەرەپنى قەدىرلەپ، بۇ كەسىپنى سۆيۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى بولۇش ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئىنتىلىش دېمەكتۇر، ئوقۇتقۇچىدا مائارىپنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىرادە بولۇشى، ئۇلار نام-مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى بىلەن، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئوقۇتقۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى خاتىرجەم ھالدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە قەتئىي قاتتىق جازالاش كېرەك.  

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي بولمىغان مائارىپ باھالاش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، نومۇر ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، ئۆرلەپ ئوقۇش ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، دىپلوم ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، قالپاق ھەممىنى بەلگىلەيدىغان جاھىل كېسەلنى قەتئىي تۈگىتىپ، مائارىپ باھالاشتىكى ‹‹دىرىژورلۇق تايىقى›› مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك. مائارىپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رايون ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، پەنلەر قۇرۇلمىسى، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، پەن، كەسىپلەرنى جانلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا ماس يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا پائال ئاتلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، كۆپكە ماھىر، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مائارىپنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بايلىق بىلەن يۇقىرى سەۋىيەدە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. مائارىپ تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مائارىپ ئىسلاھاتى-تەرەققىياتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مائارىپنى پىششىق بىلىشى، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشى، مائارىپنى تەتقىق قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەكتەپنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ جان تومۇرى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى، مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەزمەن بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى ئىشلىيەلەيدىغان سىياسىي خىزمەت قوشۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرۈپ ۋە تەشكىللەپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى دائىم ئىشلەش، ئادەمگىچە ئىشلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشتا ئائىلە، مەكتەپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەتنىڭ ھەممىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ئائىلە كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى مەكتەپ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى، بالىلارغا ‹‹كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى دەرس››نى ياخشى سۆزلەپ، بالىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ بىرىنچى تۈگمىسىنى ياخشى ئېتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. مائارىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار ئىجتىمائىي بايلىقنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ ئائىلە تەربىيەسىگە مەدەت بېرىشى ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىدىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ تېگىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا مائارىپنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، مالىيە مەبلەغ سېلىنمىسىدا مائارىپنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، جامائەت بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مائارىپ ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ كۆلەمنىڭ ئېشىشىدىن سۈپەتنىڭ ئۆسۈشىگە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون، شەھەر-يېزا ۋە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك. يېتەرسىزلىكلەرنى تىرىشىپ تولۇقلاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى پۇختىلاپ، يېزىلار، بولۇپمۇ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىشىنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلار بىرتۇتاش بولغان، مۇھىم نۇقتا يېزىلارغا قويۇلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ يېزا-كەنتلەرنى تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىغا ئېرىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تور قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ مائارىپ سېلىنمىسىنى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش ۋە تۈرلۈك كاپالەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى كەم-كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىشتاتسىز ئوقۇتقۇچىلارنى تېزدىن ئىشتاتقا كىرگۈزۈپ، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش كېرەك. شەھەر-بازار مەكتەپ قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەر مەكتەپكە كىرىشتە، ئۇلارغا شۇ شەھەرنىڭ نوپۇسىدىكى پەرزەنتلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەسلى مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ ۋە مىللىي مائارىپ، ئالاھىدە مائارىپ، داۋاملىق تەربىيە قاتارلىق تۈرلۈك مائارىپلارنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رايون ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، پەنلەر قۇرۇلمىسى، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساس تەتقىقاتى ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشىنى كۈچەيتىش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى مۇھىم رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئۇنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەرنى زور كۈچ بىلەن ياخشى قۇرۇپ، بازارغا يۈزلىنىش، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ماھارەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تېخنىكا ماھارىتىنى ئىگىلىگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

   لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مائارىپ ساھەسىدىكى ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك. مائارىپنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈش، باھالاش، باھا بېرىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى، ئۆلچىمى، سۈپىتىگە بولغان قېلىپلاشتۇرۇپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپنى قېتىرقىنىپ ئىدارە قىلىشى، مەكتەپ باشقۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇن بويىچە مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا پائال مەدەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مائارىپ ئىدىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىپ، ‹‹ئالاقە تورى + مائارىپ››نى راۋاجلاندۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

   مەركەز مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.