كۇچا ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش پونكىتىنىڭ ياقا بازىرى قاراڭغۇ 1-كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەسئۇلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى دېھقانلارغا قىزىلچىدا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش پونكىتىنىڭ ياقا بازىرى قاراڭغۇ 1-كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۆز ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى قىزىلچا، ياڭيۇ، سەۋزە، پىياز قاتارلىق سېلىنما ئاز كېتىدىغان، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشقا پائال ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بەردى.