ھەممىمىز بىلىمىزكى، داۋاملىق تۈنەش، ئۇيقا يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ ساغلاملىققا زىيىنى بار. لېكىن يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، كۆپ ئۇخلاشمۇ ساغلاملىققا زىيانلىق ئىكەن. يۇقىرىقى يەكۈننى چىقىرىشقا ئاساس بولغان تەكشۈرۈشكە يۈرەك قان تومۇرى بىمارىدىن بىر مىليون كىشى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى 9.3 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن. ھەر كۈنى 6~8 سائەت ئۇخلايدىغانلارنى سەككىز سائەتتىن كۆپ ئۇخلايدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، كېيىنكىلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ياكى سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئالدىنقىسىدىن %33 يۇقىرى بولغان، ۋاھالەنكى، ھەر كۈنى ئۇخلاش ۋاقتى ئالتە سائەتكە يەتمەيدىغانلارنىڭ پەقەت %11 يۇقىرى بولغان.
تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى