تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىدا ئېتىبارلار كۆپ

قۇمقاناسنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت)

  مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلى كىشىگە ئاجايىپ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ قېتىمقى دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىدا  باھادا ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى (ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) كىرىش بېلىتى باھاسى ئەسلىدىكى 125 يۈەن (ئادەم/قېتىم)دىن 95 يۈەن(ئادەم/قېتىم)گە تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئارىلىق ئاپتوبۇسىنىڭ باھاسى 60 يۈەن (ئادەم/قېتىم)بولىدۇ. ساياھەتنىڭ سۇس مەزگىلىدىكى (ھەريىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) كىرىش بېلىتى باھاسى باھاسى ئەسلىدىكى 125 يۈەندىن 45 يۈەن (ئادەم/قېتىم)گە تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئارىلىق ئاپتوبۇسنىڭ بېلەت باھاسى 60 يۈەن (ئادەم/قېتىم)بولىدۇ.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قىسمەن مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى تۆۋەنلىتىلىدۇ. باھا تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، كۇچا تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسىنىڭ كىرىش بېلىتى 41 يۈەن (ئادەم/قېتىم)، ئونسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسىنىڭ كىرىش بېلىتى 36 يۈەن (ئادەم/قېتىم)بولىدۇ.

  ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسىنى تەڭشەش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە : ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى (5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە)دە ھەر بىر ئادەم 160 يۈەن (2 كۈنلۈك)، ساياھەتنىڭ سۇس مەزگىلى (10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە) ھەر بىر ئادەم 80 يۈەن (2 كۈنلۈك) بولىدۇ؛ ئاق قابا مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە 30 يۈەن (ئادەم/قېتىم)، سۇس مەزگىلىدە 15 يۈەن (ئادەم/قېتىم)بولىدۇ؛ قۇمقاناس مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە 50 يۈەن(ئادەم/قېتىم)،  ساياھەتنىڭ سۇس مەزگىلىدە 25 يۈەن (ئادەم/قېتىم)بولىدۇ.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرىدىكى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ئارىلىق ئاپتوبۇسىنىڭ بېلەت باھاسى ۋە لىنىيە كۆرسەتكۈچى: پۈتۈن لىنىيە (دۇڭمېن ساياھەتچىلەر مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، بېيمىندىن ئۆتۈپ نەنمېن ساياھەتچىلەر مەركىزىگىچە بولغان لىنىيە) يەككە مۇساپە 45 يۈەن (ئادەم/قېتىم)، بېرىپ-كېلىش باھاسى 75 يۈەن (ئادەم/قېتىم)؛ شەرقىي شىمال لىنىيەسى (دۇڭمېن ساياھەتچىلەر مەركىزىدىن چىقىپ يۆلياڭۋەن، سەنتەي يايلىقى، چىڭشۈيتەندىن ئۆتۈپ بېيمىن ساياھەتچىلەر مەركىزىگىچە بولغان لىنىيە) يەككە مۇساپە 15 يۈەن (ئادەم/قېتىم)، بېرىپ-كېلىش باھاسى 30 يۈەن (ئادەم/قېتىم)؛ جەنۇب شىمال لىنىيەسى (بېيمىن ساياھەتچىلەر مەركىزىدىن يولغا چىقىپ كىنو شەھەرچىسى، دىيەنجياڭتەي، ئاق قۇ ئارامگاھى-شىخەي يايلىقى-كېلېيۇڭجۇ-سۇڭشۇتۇ قاتارلىقلاردىن ئۆتۈپ نەنمېن ساياھەتچىلەر مەركىزىگىچە بولغان لىنىيە) يەككە مۇساپە 30 يۈەن (ئادەم/قېتىم)، بېرىپ-كېلىش باھاسى 55 يۈەن (ئادەم/قېتىم) بولىدۇ.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ئارىلىق ئاپتوبۇسنىڭ قاتناش لىنىيەسى ۋە بېلەت باھاسى: ساياھەتچىلەر مەركىزى-يايلاققا مۇھەببەت - ئاققۇلار ماكانى -باشىلاغ مۇلازىمەت رايونى، بېرىپ-كېلىش بېلەت باھاسى 75 يۈەن (ئادەم/قېتىم).

  تۇرپان شەھىرى بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى 60 يۈەن (ئادەم/قېتىم)غا، ئارىلىق ئاپتوبۇسنىڭ پۈتۈن لىنىيەلىك (جەنۇبىي ساياھەتچىلەر مەركىزىدىن شىمالىي ساياھەتچىلەر مەركىزىگىچە) بېرىپ-كېلىش باھاسى 25 يۈەن (ئادەم/قېتىم)غا تەڭشەلگەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە 60 يۈەن (ئادەم/قېتىم)، ساياھەتنىڭ سۇس مەزگىلىدە 30 يۈەن (ئادەم/قېتىم)غا تەڭشەلگەن.

قاناس كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت)

 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى