تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئەرلەر بەك ئەقىللىق بولسا...

ماتېرىيال سۈرەت

    «ئەنگلىيە پىسخولوگىيە ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ئاۋسترالىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: بەك ئەقىللىق ئەرلەر ئەمەلىيەتتە يات جىنسلار تەرىپىدىن ئاسانلا رەت قىلىنىدۇ.

    غەربىي ئاۋسترالىيە داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 383 پىدائىيدىن كۆڭۈلدىكىدەك لايىقنىڭ جەلپكارلىقى توغرىسىدا سوئال سورىغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار تەقى-تۇرقى، ئەقىللىقلىقى، ئاقكۆڭۈللۈكى، چىقىشقاقلىقىدىن ئىبارەت تۆت خىل سۈپەت بويىچە جەلپكارلىق دەرىجىسىنى باھالىغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا ھەربىر سۈپەت دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، لايىقنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى شۇنچە يۇقىرى بولغان، ئەمما ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەقىللىقلىقى ۋە تەقى-تۇرقىدىن ئىبارەت ئىككى تۈردىكى نومۇرى ئەڭ يۇقىرى ئەرلەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەن بولغان‎.

    تەتقىقاتنىڭ ئاپتورى، دوكتور گېللس گىناك بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: تەتقىقاتتا قوللىنىلغان ئۇدا ئۆلچەش ئۇسۇلىدا ئاياللارنىڭ لايىق تاللاشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقى، بىراق ئوخشاش ئەھۋالدا ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ئەقلىي سەۋىيەسى ۋە گۈزەللىكى سەۋەبلىك ئارقىغا يانمايدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى