شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسى ئاچچىق يېزىسىنىڭ چىسېرىق كەنتى ئاھالىلىرى مەي باغلاپ پىشقان شاپتۇللارنى كۆرسەتمەكتە. بۇ كەنتتىكى 200 نەچچە مو شاپتۇللۇقتا 20 نەچچە خىل شاپتۇل ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
يوپۇغا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ساياھەت نۇقتىلىرى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.