بېيجىڭ جۇڭيىچە دورىلار داشۆسى كېلىنكىلىق جۇڭيىچە دورا شىسىنىڭ پىروفېسسورى چاڭ جاڭفۇ
كۈتۈنۈش تىپىدىكى پۇت چاپلاقلارنىڭ سودىسى يېقىندا توردا تازا قىزىپ كەتتى. «ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاپىنىڭىزغا چاپلىۋالسىڭىز، ئەتىسى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك زەھەرلەر بەدەن سىرتىغا سۈمۈرۈلۈپ چىقىدۇ» دېگەندەك تەشۋىقات سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى پۇت چاپلىقى سېتىۋېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
پىروفېسسور چاڭ جاڭفۇنىڭ ئېيتىشىچە، تاپاندىكى چاپلاقنىڭ بىر كېچىدىن كېيىن قارامتۇل قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىشى بەدەندىكى نەملىك ياكى زھەرنى چىقىرىپ تاشلىغانلىق بولمايدىكەن. پۇت چاپلاقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئەمەن ئىكەن، ئەمەن مۆتىدىل بولۇپ، ئىچكەندە تومۇرلارنى ئىللىتىپ قاننى توختىتىدىكەن. سىرتتىن ئىشلەتكەندە ھۆللۈكنى يوقىتىپ، قىچىشىشنى توختىتىدىكەن. ۋاھالەنكى بامبۇك كۆمۈرى، بامبۇك، تۇرمالىن قاتارلىق تەركىبلەر جۇڭيى تېبابىتىدە ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلىدىكەن. دورىنىڭ رولى دەلىللەنگەن تەقدىردىمۇ، پۇت تېرىسى قېلىن بولغاچقا، سىڭىپ كىرىش كۈچى ئاجىز بولىدىكەن. سىرتتىن ئىشلەتكەندە تەشۋىقات سۆزلىرىگە ئوخشاش ئۈنۈمى بولمايدىكەن.
چاڭ جاڭفۇ مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈشنى قارىغۇلارچە تاللىماي چوقۇم جايىدا تاللاش كېرەك. ئادەم بەدىنى جىگەر، بۆرەك ۋە ھەزىم سىستېمىسى مېتابولىزىمى ئارقىلىق بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋېتىدۇ، تەرەت قىلىش، تەرلەش، نەپەس ئېلىش يوللىرى بىلەنمۇ كېرەكسىز ماددىلار چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئادەملەرنىڭ بۇ ئورگانىزىملىرى نورمال خىزمەت قىلالىسىلا، زەھەرنى چىقىرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. كۈتۈنۈش توغرا بولمىسا ئەكسىچە سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ. مەسىلەن: پۇت چاپلىقىدا ئىسسىقلىق دورىلار بولۇپ، ئىچ مىجەزى ئىسسىق كىشىلەر ئىشلەتكەندە كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى