مۇخبىرىمىز جاڭ جياشۆەن خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 5-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە-چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى تاراتقۇلار ئۇچرىشىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 5-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە-چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئاقسۇ شەھىرىدىكى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ يىلقى سودا يەرمەنكىسىنىڭ باش تېمىسى «يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش» بولۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون داڭلىق ماركىسى ۋە ئۆزگىچە مېۋە-چېۋە كەسپى بەلبېغى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەرمەنكە زال ئىچى كۆرگەزمە رايونى ۋە سىرتقى كۆرگەزمە رايونى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 30 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. زال ئىچى كۆرگەزمە رايونىغا ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنىدىن 200ى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان ئورۇنلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، زاپاس ساقلاش، سېتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارغا چېتىلىدىكەن؛ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان مەھسۇلاتلار قۇرۇق مېۋە، ھۆل مېۋە، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.