ماتېرىيال سۈرەت
كانادانىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ناشتىدا سۈتكە سۇلۇ ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا تاماقتىن كېيىنكى قان قەنتى سەۋىيەسى تۆۋەنلەش بىلەن بىرگە، قان قەنتى سەۋىيەسى بىر كۈن نورماللىشىدىكەن، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ۋە سېمىزلىك خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
مەزكۇر تەتقىقاتنى كانادا گۇئېلف داشۆسى بىلەن تورونتو داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان بولۇپ، 32 پىدائىينى سىناققا قاتناشتۇرغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار تاماق يېمەي، پەقەت يۇقىرى ئاقسىللىق سۈت ئىچكەن، نورمال ئاقسىللىق سۈتكە بولسا سۇلۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەن؛ سېلىشتۇرما گۇرۇپپىسىدىكىلەر پەقەت سۇلۇلا يەپ، سۈت ئىچمىگەن. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ قان قەنتىنى پۈتۈن بىر كۈن تەكشۈرگەن، نەتىجىدە سۈت ئىچكەنلەرنىڭ تاماقتىن كېيىنكى قان قەنتى تۆۋەنلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈت تەركىبىدە ئاقسىل مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، قان قەنتىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، ناشتىلىقتا يۇقىرى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا سۈت ئىچىش ئارقىلىق تاماقتىن كېيىنكى قان قەنتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ يېتەكچىسى، گۇئېلف داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى گراس گوف مۇنداق دېدى: 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى ۋە ئېغىرلىشىپ كېتىشى ئاساسلىقى قان قەنتى سەۋىيەسىنىڭ كونترول قىلىنمىغانلىقىدىن بولىدۇ، شۇڭا سۈت ئىچىش دىيابېت ۋە سېمىزلىكنى كونترول قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سۈت تەركىبىدە سۈت ئاقسىلى ۋە قېتىق ئاقسىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاقسىل بار. سۈت ئاقسىلى ئادەمدە ناھايىتى تېزلا تويۇش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ، قېتىق ئاقسىلى بولسا تېخىمۇ ئۇزاق تويۇش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىدۇ. يۇقىرى ئاقسىللىق سۈت تەركىبىدە يۇقىرىقى ئىككى خىل ئاقسىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، تويۇش سېزىمىنى ئۇزارتىپ، قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى