تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

بىرلىكتە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش

لياڭ فۇجېن مۇئەللىم (ئوڭدىن 2-كىشى) كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سۈن جېنسۇڭ، پاڭ شۇفېن خەۋىرى، فوتوسى: «مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!...» 65 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى لياڭ فۇجېننىڭ ئۆيىدىن كۈلكە ئاۋازلىرى ۋە بايراملىق تىلەكلەر ئاڭلىنىۋاتاتتى.

  34-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ چېڭگۇڭ شەرقىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەھەللە تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا گۈل تەقدىم قىلدى، بايراملىق سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى.

  زىيارەت قىلىپ ھال سوراش جەريانىدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى لياڭ فۇجېن مۇئەللىم بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى، مۇئەللىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا قوشقان زور تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى