ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شىنجيا خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، تۈمەنلىگەن لەيلىلىك تۇرنىلار باركۆل يايلىقى ۋە ئورۇپ بولۇنغان بۇغدايلىقتا «ئۇسسۇلغا چۈشتى». كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتلار، ئالتۇن رەڭلىك كەڭ زېمىن كىشىنى جەلپ قىلىدىغان سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
يىراققا نەزەر سالسىڭىز، توپ-توپ لەيلىلىك تۇرنىلارنىڭ كۆكتە لەرزان ئۇچۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئوزۇق ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. قورقۇنچاق ئەمما ھوشيار لەيلىلىك تۇرنىلار يېقىن كېلىشىڭىز بىلەنلا، ئۇلار شۇ ھامان ئېگىزگە كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.