تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

نامراتلارنى يۆلەش يولىدىكى ياخشى «ئاكا-ئۇكا» لار

  مۇخبىرىمىز ما شاۋبىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز چېڭ جىجۈن خەۋىرى: «بەختكە يارىشا سىز بار ئىكەنسىز ئۇكام، ھازىر كالا قوتىنىم بار بولۇپ، ئۆيدىكى سىيىر قىشتا سوغۇقتىن قورقمايدىغان بولدى.» 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 53 ياشلىق تۇردىباي قاپار «ئىنىسى» ليۇ مىنبېنغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

  تۇردىباي شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسى ئاغارسىن بازىرى بېسشالا كەنتىلىك نامرات ئاھالە، ليۇ مىنبېن توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى، ليۇ مىنبېن قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىدە تۇردىباي بىر ئىنەككە ئىگە بولدى، قوتانمۇ سېلىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىن ئۈمىد توغۇلدى.

  ليۇ مىنبېن بۇ يىل 3-ئايدا تۇردىباينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان كادىرغا ئايلاندى. ليۇ مىنبېن تۇردىباي ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرىنىڭ ئازلىقىنى، 82 ياشلىق ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولغاچقا سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقالمايدىغانلىقىنى، بىر نېنىنىڭ ئىككى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدى. ئۇ يۆلەش، ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن تۇردىبايغا پەمىدۇر، خۇاڭگۇا، لازا، چەيزە قاتارلىق سەي مايسىلىرىنى تىكىپ بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا باراڭ ياساشنى ئۆگەتتى.

  ليۇ مىنبېن تۇردىباينىڭ ئىلگىرى باشقىلارنىڭ قوي-كالىلىرىنى باققانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بېسشالا كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بېسشالا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۇڭ ۋېنجۈننى ئىزدەپ، كۆپ تەرەپ تىرىشىش ئارقىلىق تۇردىبايغا 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدە نامراتلارنى يۆلەش كالىسىدىن بىرنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى.

  ليۇ مىنبېننىڭ ياردىمىدە تۇردىباي تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا ئىرادە باغلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى