تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

يۇپىتېرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ماگنىت مەيدانى خەرىتىسى تۇنجى قېتىم سىزىپ چىقىلدى

يۇپىتېرنىڭ ماگنىت مەيدانى خەرىتىسى

    ئەنگلىيە «تەبىئەت » ژۇرنىلىدا يېقىندا بىر تۈرلۈك سەييارىلەر ئىلمىي تەتقىقاتى ئېلان قىلىنغان، ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى يۇپىتېرنىڭ ماگنىت مەيدانىنى ئۆلچەش توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغان ھەمدە يۇپىتېرنىڭ ئوخشىمىغان چوڭقۇرلۇقتىكى ماگنىت مەيدانى خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. تەتقىقاتچىلار بۇ خەرىتىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، يۇپىتېر ماگنىت مەيدانىنىڭ مەلۇم بولغان بارلىق سەييارىلەرنىڭ ماگنىت مەيدانى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغان.

    يۇپىتېرنىڭ قۇتۇپ ئوربېتىسىغا جايلاشقان «Juno» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇدۇللاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇپىتېرنىڭ سىرتقى ماگىنت مەيدانىنى تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ئۆلچىگەن. مەزكۇر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى 2011-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ( NASA )قويۇپ بەرگەن، مەزكۇر تەكشۈرۈش ئەسۋابى بەش يىللىق مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن 2016-يىلى يۇپىتېرنىڭ بۇلۇت قاتلىمىدىن 4200 مېتر ئېگىز جايغا يېتىپ بارغان ھەمدە ئايلىنىشنى باشلىغان. بۇ ئىنسانلارنى ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ  1300 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان سەييارىنى تۇنجى قېتىم كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. «Juno» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا ئورنىتىلغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ كۆزىتىش نەتىجىسى ئارقىلىق، ئالىملار يۇپىتېرنىڭ جەنۇب- شىمال قۇتۇپى، تارتىش كۈچى ماگنىت مەيدانى ۋە ئۇنىڭدا پۇختا يادرولۇق مۇھىم سانلىق مەلۇماتنىڭ بار – يوقلۇقى ھەمدە يۇپىتېرنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى قۇرۇلمىسىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئېرىشكەن.

    «Juno» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ يۇپىتېرنى سەككىزىنچى قېتىم  ئايلىنىشىدا ئېرىشكەن ماگنىت مەيدانى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، تەتقىقاتچىلار يۇپىتېر ماگنىت مەيدانى پايدىلىنىش مودېلىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر مودېل تۇنجى قېتىم يۇپىتېرنىڭ سىرتقى ماگنىت مەيدانىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن، بۇ يۇپىتېرنىڭ ماگنىت قاتلىمىدىكى جەريانىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمما، ھازىر يۇپىتېر ئىچكى قىسمىدىكى ماگنىت مەيدانى تەسۋىرلەنگەن خەرىتە يوق. پەقەت موشۇنداق ماگنىت مەيدانى  خەرىتىسى بولغاندىلا، ئاندىن يۇپىتېر ئىچكى قىسمىدىكى ماگنىت مەيدانىنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشىنىشكە ياردىمى بولىدۇ.

    بۇ قېتىم خارۋارد داشۆسىدىكى ئاسترونوم جىم بوللېي  مورې ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يۇپىتېرنىڭ ئوخشىمىغان چوڭقۇرلۇقتىكى ماگنىت مەيدانىنى سىزىپ چىققان ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ مەلۇم بولغان سەييارىلەرنىڭكدىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقات كوللېكتىپى يۇپىتېرنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆپ قىسىم ماگنىت ئېقىمىنىڭ شىمالىي يېرىم شاردىكى تار بەلباغ ئارقىلىق توكلۇق گېنېراتور ئېففېكتى رايونىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ھەمدە   ئېكۋاتور ئەتراپىدىكى چوڭ كۆك داغدىن يۇپىتېرغا قايتا كىرىدىغانلىقىنى، باشقا جايلاردا ماگىنت مەيدانىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    تەتقىقات كوللېكتىپى يەنە، غەيرى  قوش قۇتۇپلۇق ماگنىت مەيدانىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك شىمالىي يېرىم شارغا ، قوش قۇتۇپلۇق ماگنىت مەيدانىنىڭ  ئاساسەن دېگۈدەك جەنۇبىي يېرىم شارغا جايلاشقانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار يەنە  يۇپىتېرنىڭ ماگنىت مەيدانلىق گېنېراتورىنىڭ يەر شارىنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنىمۇ بايقىغان.

 خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى