تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالا تەربىيەلەشتىكى خاتا ئۇسۇللار (2)

    ئائىلە شارائىتى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيەسىدە تۆۋەندىكى خاتا ئۇسۇللاردىن ساقلىنىشى كېرەك:

    سوغۇقتىن قورقىدۇ، دەپ بالىغا بەك قېلىن كىيگۈزۈش

    بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ قان ئايلىنىشى ناچار بولغاچقا، پۇت-قوللىرى سوۋۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىغا بەك قېلىن كىيگۈزۈۋەتسە، بالا ھەرىكەت قىلسىلا تەرلەيدۇ-دە، قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، تېخىمۇ ئاسان سوغۇق ئۆتۈپ، زۇكامداپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

    بالىنى بەزلەش ئۈچۈن باشقىلارنى بىگۇناھ ئەيىبلەش

    بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسى يېقىلىپ كەتسە، يەر، ئۈستەل قاتارلىق جىسىملار ياكى باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ بالىغا خاتا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭدا بالا مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان بولىدۇ، ئۆزى خۇلاسىلەپ، تۈزىتىشكە ماھىر بولمايدۇ، چوڭ بولغاندا ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    نەسىھەتكە قۇلاق سالماسلىق

    بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىدىيەسى قالاق بولغاچقا، بالىسى ئاغرىپ قالسىمۇ دوختۇرخانىغا ئاپارمايدۇ، ئۆيىدە يەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ، بۇنىڭدا بالىنىڭ كېسىلى ساقايماي، داۋالاش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەنلىكتىن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

    ئېھتىياتچان بولۇپ، كۆپ چەكلىمە قويۇش

    بالىلار قىزىققاق بولغاچقا دائىم دېگۈدەك «بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان»، «پاراكەندىچىلىك قىلىدىغان» تەۋەككۈلچىلىك ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك ئىزدىنىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى شوخلۇق دەپ قاراپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بالىنى ئەيىپلەيدۇ، ياكى بەزىدە بالىنى قاتتىق ئۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى بالىنىڭ قىزىققاقلىقى، تەۋەككۈلچىلىك روھىنى چەكلەپ قويىدۇ-دە، بالا دۇنيا توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىدىن ۋاز كېچىدۇ، قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. بىراق، ھەممە نەرسىلەر بالىنىڭ سىناپ بېقىشىغا ماس كەلمەيدۇ، مەسىلەن:  پىچاق، گاز، توك قاتارلىق خەتەرلىك نەرسىلەرگە بالىلارنى يېقىن يولاتماسلىق ھەمدە بالىغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ۋۇجېن بازىرىنىڭ گۈزەل كېچە مەنزىرىسى
  • تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىردى
  • كۆنچى دەرياسىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئاق قۇلار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى