تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالا تەربىيەلەشتىكى خاتا ئۇسۇللار (1)

    ئائىلە شارائىتى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيەسىدە تۆۋەندىكى خاتا ئۇسۇللاردىن ساقلىنىشى كېرەك:

    چوڭلار ئۆزى ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقماسلىق

    بالا بېقىش جاپالىق، بولۇپمۇ ئەمدىلا ئۆمىلەشنى، مېڭىشنى ئۆگەنگەن بالىلارنى باقماق تېخىمۇ قىيىن. شۇڭا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھەپتە ئاخىرىدا بالىغا ئۆيدە ھەمراھ بولۇشنى ئويلاپ، بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقمايدۇ. ئەمما بالا ئۇزۇن مەزگىل ئۆيدە ئولتۇرسا، ھەرىكىتى ئازىيىپ، يېتەرلىك قۇياش نۇرىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، بالىدا ۋىتامىن D يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن بويىنىڭ ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بالىلار ئۆيدە ئولتۇرسا تېلېۋىزور ۋە باشقا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئوينايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاڭلاش، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىپ، بالا دىققىتىنى يىغالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دائىم ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىسى كەمچىل بولۇپ، بۇنداق بالىلار باشقىلاردىن يېتىرقايدىغان، ئىچ مىجەز، كىشىلىك ئالاقىدە ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.

    بالىنىڭ يىغىسىدىن ئەنسىرەپ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بېرىش

    بالىغا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ بېرىش بالىلارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز، بۇ يەنە چوڭ مېڭە ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېيىشىنى كونترول قىلمىغاندا، تاماق ۋاقتىدا ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئاسانلا سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلار يىغلاپ جېدەل قىلسىلا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىككە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالسىلا، يىغلاش ئارقىلىق ئۆز نەپسىنى قاندۇرماقچى بولىدۇ، بۇنداق بالىلار ئۆز بېشىمچى بولۇپ قالىدۇ.

    بالىنىڭ قورسىقىنى توقلاش ئۈچۈن بالىنى قوغلاپ يۈرۈپ تاماق يېگۈزۈش

    تاماقنى تېز يەيدىغان بالىلارنىڭ چايناش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماي قالىدۇ. بالىغا تاماقنى زىيادە كۆپ بەرگەندە بالىنىڭ ئاشقازىنى چوڭىيىپ، سەمرىپ كېتىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ تاماق يېگۈزۈپ قويۇشىغا ئادەتلەنگەن بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا مۇستەقىللىقى ناچار بولىدۇ، بۇنداق بالىلاردا ئاسانلا باشقىلارغا تايىنىدىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ.

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ۋۇجېن بازىرىنىڭ گۈزەل كېچە مەنزىرىسى
  • تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىردى
  • كۆنچى دەرياسىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئاق قۇلار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى