تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن ھۆرمەت بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن يولداش كومىتېت باشلىقىنى ھەم سىز ئارقىلىق چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى، چاۋشيەن خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن خەلقى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش كومىتېت باشلىقى چاۋشيەن پارتىيە ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار پائال تەدبىرلەرنى قوللاندى ھەم مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي مەزگىلگە كىردى. مەن بۇنىڭدىن چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت تاغ – دەريالىرى تۇتىشىپ كەتكەن دوستانە قوشنا دۆلەت. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى شەخسەن ئۆزى ئورناتقان ۋە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى. جۇڭگو پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو – چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو – چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى. بۇ يىل مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردۇق. مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو – چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن. چاۋشيەن خەلقىنىڭ يولداش كومىتېت باشلىقى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات – قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلقىنىڭ بەختلىك، ئامان – ئېسەن بولۇشىغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.