تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىرادە تىكلەپ، روھنى تاۋلاپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى گۈللەندۈرۈش

 ___ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا رىشتە باغلىغانلىقى توغرىسىدا

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋۇ جىڭ، خۇ خاۋ، شى يۈسېن، بەي يىڭ

  زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتكە قەدەم تاشلىغان بىر مىللەت قانداق مائارىپقا تايىنىپ گۈللىنىدۇ؟

  يېڭى دەۋر سەھىپىسىنى يارىتىدىغان ئىشلار قانداق ئىختىساسلىقلارنى زىممىسىگە ئېلىشقا چاقىرىدۇ؟

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ، مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى قارىشىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

  ھەر قېتىملىق تىلەك ياشلىق ئارزۇسىنى ئۇرغۇتتى، ھەر قېتىملىق ھال سوراش مائارىپنىڭ ئۈمىدىنى يالقۇنجاتتى. نامرات رايونلاردىكى تاغلىق يېزا مەكتەپلىرىدىن كىتاب ئوقۇش ئاۋازلىرى جاراڭلاپ تۇرغان پاكىز مەكتەپ ھويلىلىرىغىچە، جاپاغا چىداپ ماھارەت ئىگىلەۋاتقان كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغىچە، مائارىپنىڭ روھى مۇھەببەتنىڭ يەتكۈزۈلۈشى بىلەن تېخىمۇ چاقنىدى، ياشلىق نۇرى جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن ماس رىتىمدا ئىلگىرىلەش داۋامىدا بەس – بەستە جۇلالاندى.

  يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئارزۇ، ۋەتەن قانداق ئىستېداتلىق كىشىلەرگە موھتاج؟

  ئالتۇن رەڭلىك يوپۇرماقلار بۈگۈن يەنە يېڭى يېشىل تون يېپىنغانىدى. بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىغان گىنكو دەرىخى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولماقتا.

  ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزگەن ليۇ جياۋېي گۈزەل يەنيۈەن بىلەن خوشلىشىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تاللاپ، ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى كەسپىي يېتەكچىسى بولدى.

  2014– يىلى 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، ‹‹4 – ماي›› ھەرىكىتىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ليۇ جياۋېي ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە جىڭيۈەن چىملىقىدا بىر مەيدان ‹‹ياشلىق نەزمىسى›› ئۆتكۈزدى.

  ‹‹ئەينى چاغدا، مەن سەھنىدە ئۆزۈم ئىجاد قىلغان <ياشلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش> دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز تەرەپكە مېڭىپ كېلىپ، قول پۇلاڭلىتىپ سالاملاشتى››. تۆت يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ دەقىقە ليۇ جياۋېينىڭ ئېسىدە ھېلىمۇ شۇنداق ئېنىق ئىدى.

  بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلارغا توغرا قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىنى شەرھلىدى: ‹‹ياشلارنىڭ قىممەت يۆنىلىشى كەلگۈسىدىكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، ياشلار يەنە قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تىكلەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ مەزگىلدىكى قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش تولىمۇ مۇھىم. بۇ خۇددى كىيىم كىيگەندە تۈگمىنى ئەتكەنگە ئوخشايدۇ، ئەگەر بىرىنچى تۈگمە خاتا ئېتىلسە، قالغان تۈگمىلەرمۇ خاتا ئېتىلىدۇ. ھاياتلىق تۈگمىسىنى باشتىلا ياخشى ئېتىش كېرەك››.

  ليۇ جياۋېي مۇنداق دېدى: ‹‹زامانىمىزدىكى جۇڭگو قانداق قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك؟ ياش ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <تۈگمە ئېتىش> توغرىسىدىكى ئوخشىتىشى مېنى ئۇزاق ئويلاندۇردى››.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوبرازلىق ۋە جانلىق ‹‹تۈگمە تەلىماتى››دا ھەر بىر ياش ئوقۇغۇچى چوقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئۆسۈپ يېتىلىش تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماي، يەنە ئەخلاق بولمىسا دۆلەت گۈللەنمەيدۇ، ئەخلاق بولمىسا ئادەم روناق تاپالمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت مائارىپ ئىشلىرىدا جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم، زور تېما ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بىز ئىككى ‹‹100 يىللىق›› كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقىنىمىزدا، ياش ئەۋلادلارنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت، مىللەتنى ئاساس قىلغان قىممەت بەلگىسىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ياخشى مېڭىشقا قانداق يېتەكلىشىمىز كېرەك؟

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش›› تۇنجى قېتىم مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىپ بېكىتىلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››، ‹‹سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش›› كېرەكلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆرسىتىلدى.

  كەڭ ياش – ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ھەقىقىي قابىلىيەت ۋە ئەمەلىي بىلىم ئىگىلەپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، بۇ دۆلەتكە، جەمئىيەتكە، شەخسكە پايدىلىق بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قۇدرەتلىك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىي، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كۆپ قېتىم باردى، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا 24 قېتىم خەت يېزىپ، كۆپچىلىكنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش، گۈزەل ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى ___

  ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۇرۇپمۇ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان، ئالىي مەلۇماتلىق ئايال كەنت ئەمەلدارى جاڭ گۇاڭشيۇغا يازغان خېتىدە، ئۇ بارلىق ئالىي مەلۇماتلىق كەنت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى قىزغىن سۆيۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، ياشلىقىنى ئارمانسىز ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان خېتىدە، ئۇ ساۋاقداشلارنىڭ گۈزەل چاغلارنى قەدىرلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، خاراكتېرىنى تاۋلاپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق يېتىلىپ، ھەقىقىي قابىلىيەت ۋە ئەمەلىي بىلىم ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قۇرۇش، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى قۇرۇشتىكى ياراملىق، ئىستېداتلىق كىشىلەردىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ‹‹بېنيۈ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى››گە يازغان خېتىدە، ئۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ تۆھپە قوشۇش، مېھرىبان بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىلگىرىلەشتەك پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ، خەلققە تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلىق ئارزۇسى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان بارلىق خادىملارغا يازغان خېتىدە، ئۇ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىيجاناب غايىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىدە ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ دەۋرگە مۇناسىپ شانلىق سەھىپە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى...

  خەت ئارقىلىق غەمخورلۇق يەتكۈزۈلدى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى شەرھلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلھام بېرىشى، رىغبەتلەندۈرۈشى نەتىجىسىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلدى.

  ‹‹غەلىبىگە ئىنتىلىدىغان بۇ خىل روھىي ھالەت ئىنتايىن ياخشى، لېكىن دائىم غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ، تولۇق غەلىبە قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىقتىدارى ھامىنى چەكلىك بولىدۇ، سىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەلۇم بىر جەھەتتىن مەركەزلىك تەرەققىي قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.›› باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن، بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونلۇق مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹ئەڭ ياخشى مەن بولىمەن›› دېگەن مەكتەپ تەلىمىنى ‹‹ئەڭ ياخشى مەن بولىمەن، ئەڭ ياخشى تەرىپىمنى نامايان قىلىمەن››گە كېڭەيتتى.

  مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ما ۋەنچېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹چوڭ ھەم مۇكەممەل بولۇشنى قوغلاشماي، ھەركىم ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشى، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنى يېتەكلەپ يېڭى ئىختىساسلىقلار قارىشىنى تۇرغۇزدى. بالىلارغا ھەر بىر ئەڭ ياخشى مەننىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنى نامايان قىلغاندىلا، ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى، ۋەتىنىمىزگە تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.››

  مائارىپ يەككە شەخسنى ئۆزگەرتىدىغان ئۆلچەم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتكە ئاساس سالىدىغان ئۇل تاش. ‹‹ئەخلاق يېتىلدۈرۈش›› دېگەنلىك، ئوقۇغۇچىلاردا جۇڭگو قەلبى يېتىلدۈرۈش، بۇ جۇڭگو قەلبىگە جۇڭگو ئارزۇسىنى پۈكۈش دېگەنلىكتۇر؛ ‹‹ئادەم تەربىيەلەش›› دېگەنلىك، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، ھاياتنى نۇرلاندۇرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش دېگەنلىكتۇر.

  چوڭقۇر مەزمۇنلۇق مائارىپ ئەقىل – پاراسىتىگە ئاز – ئازدىن ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى سىڭگەندىلا، ئۇ ئاندىن چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا، قەلبىگە ئورنايدۇ.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، 30 يىلدىن بۇيان، ئادەم تەربىيەلەش ئىسلاھاتى تەلىپىنى چۆرىدەپ، دەرسلىك مەزمۇنى ۋە ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، ‹‹تىل – ئەدەبىيات››، ‹‹تارىخ››، ‹‹ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق››نىڭ بىر تۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىكلىرى كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ؛ ‹‹ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قائىدىسى›› ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىندى، ‹‹ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتى قوللانمىسى››، ‹‹مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى››گە ئەلرايى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەندى.

  ئالىي مائارىپ باسقۇچىدا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، دەرس، پەن تەتقىقات، ئەمەلىيەت، مەدەنىيەت، تور، پىسخىكا، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، ياردەم بېرىش، تەشكىللەشتىن ئىبارەت ئون چوڭ ئادەم تەربىيەلەش سىستېمىسى توپلاشتۇرۇلۇپ بەرپا قىلىندى؛ ‹‹ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى›› پائالىيىتى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىيىتىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسىنى ئېتىز – ئېرىق باشلىرىغا كۆچۈردى...

  شىپالىق يامغۇر زېمىنغا ئۈن – تىنسىز ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى. 2018 – يىلى ئېلان قىلىنغان تۇنجى دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپىتىنى كۆزىتىش – ئۆلچەش دوكلاتىدا، مەملىكىتىمىزدىكى توققۇز ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقى، 4 – يىللىقنىڭ %96.2 ئوقۇغۇچىسى ۋە 8 – يىللىقنىڭ %97.9 ئوقۇغۇچىسىنىڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  2017– يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ئەھۋالىنى دومىلىما تەكشۈرۈشتە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، دەۋر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ سىجىل ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان. %92.6 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ‹‹شەخسىي مەنپەئەت بىلەن دۆلەت مەنپەئىتى، كوللېكتىپ مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كۆرۈلگەندە، ئالدى بىلەن دۆلەت مەنپەئىتى بىلەن كوللېكتىپ مەنپەئەتنى ئويلىشىش››نى قوللىغان. %94.4 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ‹‹ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى، ئاكتىپ تارقاتقۇچىسى، ئۈلگىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇش››نى قوللىغان.

  بۈگۈنكى چاتاش، ئاساسنى پۇختىلاش ئەتىكى بۈك – باراقسانلىق، گۈللىنىش ئۈچۈندۇر.

  ‹‹ئارزۇنى قوغلىشىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقانلارغا باغلىق››. ليۇ جياۋېي مۇنداق دېدى: مەن تىرىشىپ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەشكە يېتەكلەپ، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن.

  يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلەپ، قانداق قىلغاندا مائارىپنى خەلق رازى بولغۇدەك قىلغىلى بولىدۇ؟

  كۈز پەسلى، شەنشى زېمىنى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ئەتراپ ئىللىقلىققا تولغانىدى. شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن شەھىرى ياڭجيالىڭ فۇجوۋ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بىر سىنىپنىڭ كىتاب تىزىلغان بۇلۇڭىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشىنى يەنە ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى.

  2015– يىلى چاغان ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كەلگەنىدى. چوڭقۇر مۇھەببەتلىك سۆزلەر نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى چەكسىز ھاياجانغا سالغانىدى: ‹‹كونا ئىنقىلابىي رايون، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدا، نېگىزىدىن ئېيتقاندا يەنىلا مائارىپنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، بالىلار باش پەللىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويسا بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ مەبلىغى مائارىپقا، ئۇل مائارىپقا، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئۇل مائارىپىغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ.››

  ياڭجيالىڭ ئىنقىلاب كونا ئورنىغا يېقىن قوشنا بولغان بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ، 20 نەچچە يىل ئىلگىرىلا يولداش شى جىنپىڭنىڭ كۆڭلىگە پۈكۈلگەنىدى.

  1995– يىلى، شۇ چاغدىكى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭ قوزغىغان ‹‹مىڭ كارخانا مىڭ مەكتەپ قۇرۇش›› مېھىر – شەپقەت پائالىيىتىدە، ياڭجيالىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى قايتا قۇرۇش ياردىمىگە ئېرىشكەنىدى. شۇ يىلى 3 – ئايدا، يولداش شى جىنپىڭ مەكتەپ مۇدىرىغا بىر پارچە خەت يازغانىدى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنى ئىئانە قىلىپ قۇرۇش ئارقىلىق سىلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئۇسۇل، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مول ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇن.››

  ئالتە ئېغىز بىر قەۋەتلىك ئۆينى سىنىپ، سەككىز ئېغىز گەمە ئۆينى ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى، قوشۇمچە ياتاق قىلىشتىن تارتىپ تۆت قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى سېلىش، نۇرغۇن زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە بولۇشقىچە ياڭجيالىڭ فۇجوۋ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، شەھەردىكى مەكتەپلەردىن پەرقلەنمەيدىغان بولدى.

  بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 30 يىل بولغان مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خو شياۋلىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹ھەر بىر بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇشى، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيالىشى ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلانماقتا››. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئىلمىي دوكلات بېرىش زالىدا، بالىلار پۈتۈن زېھنى بىلەن مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى فۇجوۋ شەھىرى گۇلۇ رايونلۇق 2 – مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يىراقتىن ئوقۇتۇش دەرسىنى ئاڭلاۋاتاتتى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ GDP (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى)دا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا بىر قانچە يىل %4تىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلىدى. بۇنى تىرەك قىلغان بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار مائارىپ ئادىللىقى ئىللىق نۇرىنىڭ جۇڭگو زېمىنىغا چېچىلغانلىقىنىڭ ئىزناسىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

  __ نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى، مەملىكەت بويىچە 291 مىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ(ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتى ‹‹20 تۈرلۈك تۆۋەن چەك›› تەلىپىگە يەتكۈزۈلۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %94ىنى ئىگىلىدى.

  __ ھەرقايسى مائارىپ باسقۇچىدىكى جەمئىي 425 مىليون ئوقۇغۇچى(قېتىم)غا ياردەم بېرىلدى، نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 37 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئوزۇقلۇقى ياخشىلاندى.

  __ يېزىلار ۋە نامرات رايونلاردا مەخسۇس تۈر پىلانى يولغا قويۇلۇپ، جەمئىي 370 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، يېزىلار ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈلدى.

  __ شەھەر – يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ‹‹ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرنى تولۇقلاش›› ئۆلچىمى ۋە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان جامائەت خىراجىتى ئۆلچىمى نورمىسىدىكى مەبلەغ ئوقۇغۇچى بىلەن بىللە مېڭىش يولغا قويۇلدى، ‹‹پۇلنى ئادەم بىلەن تەڭ يۆتكەش›› دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ 13 مىليونغا يېقىن پەرزەنتىگە نەپ يەتكۈزدى.

  __ 30 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ئاتا – ئانىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ شۇ جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى، ئاتا – ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان جەمئىي 400 مىڭدىن ئارتۇق پەرزەنت شۇ جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى.

  بۈگۈنكى جۇڭگودا دۇنيا بويىچە ئەڭ زور كۆلەمدىكى مائارىپ يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت، تارىخىي ھالقىش ئارقىسىدا، خىرىس ۋە مەسىلە ھېلىھەم تەخىرسىز، مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ: بىر تەرەپتىن شەھەردىكى داڭلىق مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچىلار پېتىشماي قالسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېزا مائارىپى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالماقتا؛ بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلار ‹‹نومۇر›› ئۈچۈن جاپالىق تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەت ‹‹ئىقتىدار››غا جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا...

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، چوڭقۇر ئويلاندى:

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىردى، نامراتلىققا قارشى تۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە قانداق قىلغاندا مائارىپ بايلىقى قىس بولۇشنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسقىلى بولىدۇ؟

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جىددىي ئالماشتۇرۇشقا موھتاج، مائارىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە قانداق قىلغاندا ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ؟

  جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، تەڭپۇڭ بولمىغان، يېتەرلىك بولمىغان مائارىپ تەرەققىياتى قانداق قىلغاندا خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ؟

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرايلى! 40 يىل ئىلگىرى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن ‹‹ئاچقۇچلۇق تەدبىر››دىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو مائارىپى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى چېلىپ، ‹‹تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل›› بولۇشقا قاراپ كۈچەپ ئىلگىرىلىمەكتە ___

  چەت، يىراق نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچى كەمچىل، سىنىپ ئاز بولۇشتەك كەمتۈكلۈككە قارىتا، ‹‹ناھىيەلەرنىڭ شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر›› ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېزا – كەنتلەر، بولۇپمۇ كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون، نامرات رايون قاتارلىق رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۆلەش سالمىقى زورايتىلدى.

  ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن ‹‹يەسلىگە كىرىش قىيىن بولۇش››قا قارىتا، گوۋۇيۈەن ‹‹يەسلى مائارىپىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى››نى ئۇدا ئۈچ قارار يولغا قويۇپ، ئومۇمىي مىقدارنى كېڭەيتتى، قۇرۇلمىنى تەڭشىدى، مېخانىزم ئورناتتى، سۈپەتنى ئۆستۈردى. مەركەز مالىيەسى 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى يېزا رايونلىرىدا يەسلىلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇشنى قوللاپ، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان پۇقراۋى يەسلىلەرنى يۆلىدى.

  ناھىيەلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشى تەكشى بولماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 2379 ناھىيە دۆلەتنىڭ ناھىيە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇن ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %82كە يېقىنلاشتى.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ‹‹چوڭ بالىلار سىنىپى نورمىسى›› قىيىن مەسىلىسىگە قارىتا، 2017 – يىلى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ‹‹چوڭ بالىلار سىنىپى نورمىسى››، ‹‹چوڭ بالىلار ئادەتتىن تاشقىرى سىنىپى نورمىسى›› نىسبىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا %18.3، %39.6 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئەڭ چوڭ بولدى.

  ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تاللاش قىزغىنلىقى، يۈكنى ئازايتىش تەس بولۇشتەك قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 شەھەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشتەك ‹‹ھەل قىلغۇچ جەڭ›› بۇرغىسىنى ياڭراتتى. 2014 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە، نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىدىغان 24 شەھەردە باشلانغۇچ مەكتەپكە يېقىن ئەتراپتا ئىمتىھانسىز كىرىش نىسبىتى مۇقىم ھالدا %97 تىن يۇقىرى بولدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يېقىن ئەتراپتا ئىمتىھانسىز كىرىش نىسبىتى مۇقىم ھالدا %95 تىن يۇقىرى بولدى.

  ‹‹ئەقلىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، جىسمانىي تەربىيەگە سەل قاراش››، ‹‹نومۇر ھەممىنى بەلگىلەش نەزەرىيەسى›› قارىشىغا قارىتا، ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇلۇپ، ‹‹بىر ئىمتىھان بىلەن تەقدىرىنى بەلگىلەش›› ئەندىزىسى تەدرىجىي ئۆزگەرتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقتى تەدرىجىي ‹‹بوشاشتۇرۇلۇپ››، خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ ئەركىن يېتىلدۈرۈلدى...

  گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ماشىنىسازلىق سانائىتى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى مىڭياڭ ئۈچ يىل ئىلگىرى، يەنى، ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك ئەمەلىي مەشىقى قىلىۋاتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى سوراپ، ساۋاقداشلارنى باشقىلار بىلمىگەننى بىلىش، باشقىلار بىلگەننى تېخىمۇ ياخشى بىلىش، ماھارەتتە ئەڭ ئۈستۈن بولۇش مەنزىلىگە يېتىشكە ئىرادە باغلاشقا، ھەقىقىي ماھارەت ئۆگىنىپ، تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ گۈزەل كىشىلىك ھاياتىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ.

  2014– يىلى 6 – ئايدا، مەملىكەتلىك كەسپىي مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، كەسپىي مائارىپقا قارىتا ‹‹تىرىشىپ نەچچە يۈز مىليون يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچى ۋە تېخنىكا ماھارىتى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش››تىن ئىبارەت سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۇ يىلى، گوۋۇيۈەن زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارنى تارقىتىپ، كۆپ خىل تاللاش، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ياراملىقلاردىن بولىدىغان ‹‹ئۆتۈشمە كۆۋرۈك›› سالدى؛ ئۆلكە، مىنىستىرلىقلار دۆلەت كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى سىناق رايونىدىن 12 نى ئورتاق قۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ ئوقۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىدىن 56 نى تەشكىللەپ، تەخمىنەن 1300 كەسپىي مائارىپ گۇرۇھى قۇرۇپ، 90 نەچچە مەيدان(قېتىم) ئىشلەپچىقىرىش – ئوقۇتۇش سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تۈركۈمدە زامانىۋى شاگىرتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇندىن 364 نى تاللىدى؛ ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 766 كەسىپ مۇندەرىجىسى، ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ 230 كەسپىي ئوقۇتۇش ئۆلچىمى، ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ 410 ئوقۇتۇش ئۆلچىمى، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ 70 كەسىپ (تۈر) بويىچە ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىش ئۆلچىمىنى ۋە كەسپىي ئەسۋاب – ئۈسكۈنە، جابدۇق ئۆلچىمىدىن توققۇزنى ئېلان قىلدى؛ زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش – ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، مەركەز مالىيەسى جەمئىي 70 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، بىر تۈركۈم تايانچ مەكتەپ، تايانچ كەسىپ ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈردى، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ئىقتىدارى سىجىل ئاشتى...

  ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىلىشى ‹‹توسالغۇ››غا دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو مائارىپى تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسكەنجىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ‹‹ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش، ئوقۇش تارىخىغىلا قارىماي ئىقتىدارىغا قاراش››تەك ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، ھەر بىر كىشىنى كىشىلىك تۇرمۇشىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن كەلگۈسىگە يۈزلىنىش كۈچى توپلىدى.

  لى مىڭياڭ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي داڭلىق ماركىلارنى بەرپا قىلىش يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىملارغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى ساپالىق ھۈنەرۋەنلەرگە ئېھتىياجلىق. بىز دەۋر يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ ۋەتەن ئۈچۈن قابىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىمىز، ئېسىل مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  يېڭى دەۋردىكى يېڭى چاقىرىق، جۇڭگو مائارىپى قانداق دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك؟

  ‹‹مەڭگۈلۈك شەرق شامىلىنى كۈتۈۋېلىپ، قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىلىم – پەننىڭ چوققىسىغا قادايمىز...››

  يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىشى بىلەن، جۇڭگو پەن – تېخنىكا داشۆسىدە مۇشۇ جۇشقۇن مەكتەپ مارشى ياڭراپ تۇراتتى.

  2016– يىلى 4 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، شۆ ۋېيچېڭ ساۋاقداشلار بىلەن بىللە، كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭغا مەكتەپ مارشىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى.

  ‹‹ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپ ئاساس››. مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنىڭ تەكرارخانىسىدا ئوقۇغۇچىلار باش شۇجىنى چۆرىدەپ، باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىي تەلىمىنى ئاڭلاۋاتاتتى.

  شۆ ۋېيچېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى كۆپچىلىكنى ياشلار مەكتەپتە پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قەلەم ۋە ئەلەم ماھارىتىنى ئىگىلەپ، ۋەتەنگە، خەلققە، جۇڭخۇا مىللىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك، دەپ رىغبەتلەندۈردى. كۆپچىلىك ئاڭلىغانسېرى روھلىنىپ، مەكتەپ مارشى ئارقىلىق ئىرادىسىنى ئىپادىلەشنى قارار قىلدى.

  ئەسلىمىلەردىكى ئەڭ ياڭراق ئېيتىلغان بىر قېتىملىق مەكتەپ مارشى ياش پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ قەلبىدىكى دەستۇرغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە شۆ ۋېيچېڭ جۇڭگو پەن – تېخنىكا داشۆسى ياشلار ئىگىلىك تىكلەش مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولۇپ، 73 تۈرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نۇرغۇن پەن تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئايلىنىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  شۆ ۋېيچېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئىلگىرى ‹‹تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ›› دېگەنىدى. بىز ئۆگەنگىنىمىزنى جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، بۇ، ‹‹قەلەم بىلەن ئەلەم ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش››نىڭ قىممىتى.

  مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىك كەلگۈسىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىك، مائارىپنى قولغا كەلتۈرگەنلىك كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىك!

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت مائارىپنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتماقتا.

  2800 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئىلگىرىكى مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش، قارىغۇلارچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك بىرخىللاشقان كونا تەرەققىيات يولىدىن چىقىپ، ئورنى پەرقلەندۈرۈلگەن، خاسلىقى تېخىمۇ روشەن بولغان تەرەققىيات يېڭى يولىنى بېكىتتى؛ دۆلەت ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەمكارلىق پىلانىنى قوللاپ، 900 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندا 100 گە يېقىن 10 مىڭ كىشىلىك داشۆنى كۆپەيتىپ قۇرغانغا باراۋەر؛ قالتىس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش – يېتىشتۈرۈشتىكى بىر قاتار پىلان بىرتۇتاش يولغا قويۇلۇپ، قۇرۇلۇش، مېدىتسىنا، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇلدى، بۇ، 600 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ، نەچچە 100 مىڭ ئوقۇغۇچىنى قاپلىدى...ئالىي مائارىپتا بىر مەيدان مىسلىسىز چوڭقۇر ئۆزگىرىش باشلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئېھتىياجلىق بولغان يۇقىرى ساپالىق مەخسۇس ئىختىساسلىقلار ۋە سەرخىل يېڭىلىق ياراتقۇچىلار تېز يېتىشتۈرۈلدى.

  ‹‹بۈگۈنكى دۇنيادا، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈردۇق، ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بەس – بەستە تەڭشەپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە››. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۈچنى توپلاپ ئاتلىنىدىغان پەن – تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابىغا نەزەر سېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن زور ئۈمىد كۈتتى، ‹‹ئۈزلۈكسىز يېتىلىۋاتقان ئىختىساسلىقلار بايلىقى دۆلىتىمىزنىڭ كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتىكى مۇھىم يوشۇرۇن كۈچى ۋە كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىدۇر››.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئانا مەكتىپىگە قايتا بېرىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك 1 – ئاۋغۇست مەكتىپىدىكى مېھرىبان ئۇستازلىرىدىن چوڭقۇر مېھرى بىلەن ھال سورىدى؛ دەرسخانىلارغا كىرىپ، ‹‹دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى (2014)›› بويىچە بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدىكى گۇيجوۋ ئاسپىرانتلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىرلەشتى؛ مەكتەپ پۈتكۈزۈپ مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقانلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ياشلارنى ئاساسىي قاتلام ۋە خەلق ئارىسىغا بېرىپ تۆھپە قوشۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈردى...

  دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش كېرەك. بۈگۈنكى ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاساسىي قوشۇن، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇشۇ ‹‹ئارزۇ ئەترىتى››نى بەرپا قىلىدىغان ئارزۇنى روياپقا چىقارغۇچىلاردۇر.

  ‹‹<تۆتكە ئىگە> ياخشى ئوقۇتقۇچى››لاردىن ‹‹باشلامچى››لارغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچىلار توپىنىڭ رولىنى بېكىتىش ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى توغرىسىدا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ نىشان ۋە يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى جەمئىي 9 مىليارد 500 مىليون يۈەن خىراجەت ئاجرىتىپ، ‹‹دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى››نى يولغا قويۇشنى قوللاپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرى، كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ جەمئىي 10 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇقنى تەربىيەلىدى.

  ‹‹تەكلىپ قىلالماسلىق، ئېلىپ قالالماسلىق، تۇرغۇزۇپ قالالماسلىق›› ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ‹‹يېزا – كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى(2015 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››دا يېزا – كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر – يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتات ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنۋان (ۋەزىپە) باھالاش – تەكلىپ قىلىشتا يېزا – كەنت مەكتەپلىرىگە مايىللىشىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئالىي ئۇنۋان تەسىس قىلىپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسىپ ‹‹توسۇقى››نى بۇزۇپ تاشلىدى، پەزىلەتلىك، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن، يېڭىلىق يارىتىشچان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى شەكىللەنمەكتە.

  2013 – يىلىدىن بۇيان، مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا – كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇكاپات – تولۇقلىمىسى ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 11 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1 مىليون 300 مىڭدىن كۆپرەك كىشىگە نەپ يەتكۈزدى. مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى 280 مىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)نىڭ 1000دىن كۆپرەك ناھىيەسىدىكى 30 مىڭدىن كۆپرەك يېزا مەكتىپى(كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، ئوقۇتۇش نۇقتىسى)دە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. 28 ئۆلكە مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇتۇش، ئوقۇش خىراجىتىگە تولۇقلىما بېرىش ۋە دۆلەت قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 41 مىڭ ئوقۇغۇچىنى بىۋاسىتە يېزىلاردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  بۇ يىلنىڭ دەسلىپىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تۇنجى ھۆججەت رەسمىي چىقىرىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە نېگىزلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە ھەقىقىي چىڭ، ياخشى تۇتۇشى تەكىتلەندى.

  بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ مۇدىرى دۇڭ چى مۇنداق دېدى: ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق شەرھلىدى، بىز يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تاۋلاپ يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى كۈچلۈك دۆلىتى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن تالانتلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك››.

  زامان ۋە ماكان ئالمىشىپ تۇرماقتا، ھازىر بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرغاندا، مائارىپ جۇڭگوغا تارىخىي خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغلاردىكى ئون كىشىنىڭ ئىچىدە سەككىزى ساۋاتسىز بولۇشتىن، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13.3 يىلدىن ئېشىپ، داشۆنىڭ 1 – يىللىق سەۋىيەسىگە يېتىشىگىچە؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدىكى باشلانغۇچ مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇشتىن، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بەش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىغىچە.....

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشتەك ئەسىرلىك قەد كۆتۈرۈشى داۋامىدا، ‹‹مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ›› دېگەن سۆز دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندى، ‹‹ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ھەركىم ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىش››تەك جۇڭگوچە يۆگىمە رەسىم ئاستا – ئاستا ئېچىلماقتا.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.