سەھەردە ئادەم بەدىنىدىكى مۇسپەت قۇۋۋەتمۇ قۇياش شەرق تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەندەك يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، بىراق، سەھەردە تۇرۇپ بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىش بەزى كىشىلەرنىڭ مۇسپەت قۇۋۋىتىنىڭ ئۆرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ بەدىنى ئاجىز، كېسەلچان، جىڭلوسى توسۇلغان كىشىلەردە تېخىمۇ شۇنداق.
نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ ئاچ قورساققا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىشكە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە چىرايىنى كۆزىتىپمۇ بۇنىڭغا جەزىم قىلغىلى بولىدۇ. چىراي پارقىراق، نۇرلۇق بولسا بەدەندىكى مۇسپەت قۇۋۋەت تولۇق؛ قۇرغاق، نۇرسىز بولسا بەدەندىكى مۇسبەت قۇۋۋەت ئاز، مەنپى قۇۋۋەت كۆپ بولىدۇ، ئىككىنچى خىلدىكى كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن مۇسپەت قۇۋۋەتنىڭ ئۆرلىشى ئۈچۈن سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچمەسلىكى كېرەك.
كىلىنىكىدا مۇنداق دېيىلگەن: بەزى ئاياللاردا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچكەندىن كېيىن بېشى قېيىش، يۈزى ئىششىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ بەدەندىكى نەملىك سەۋەبىدىن بولغان. بولۇپمۇ تال-ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر شۇنداق. شۇڭا تال-ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر سوۋۇتۇلغان قايناقسۇنى ئاز ئىچىشى كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا ئەزانىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى