تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

يېقىنقى بەش يىلدا قايسى قانۇنلار چىقىرىلىدۇ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ؟ 

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار چېن فېي، لو شا). 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىندى، بۇ، تۈرلۈك قانۇن چىقىرىش تۈرىدىن 116نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 1-تۈردىكى 69 تۈرنىڭ شارائىتى بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.
    بۇ 69 تۈر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى، گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنى، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى قاتارلىق 34 تۈرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قانۇنى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق 35 تۈرنى يېڭىدىن تۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى، رېۋىزىيە قانۇنى، قەھرىمانلار – قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى قاتارلىق يەتتە تۈر ماقۇللىنىپ بولدى، قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسىدىن 12 تۈر بار.
    بۇنىڭدىن باشقا، يەنە 47 تۈر 2-تۈرگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە قاراپ چىقىشقا سۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ، شىركەت قانۇنى، سودا بانكىسى قانۇنى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتى، ئىجتىمائىي ئىناۋەت، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئائىلە تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن چىقىرىش تۈرى 3-تۈرگە تەۋە بولۇپ، قانۇن چىقىرىش شارائىتى تولۇق ھازىرلانمىغاچقا، داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىپ دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ؛ مۇزاكىرە قىلىپ دەلىللەش ئارقىلىق شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە قاراپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلسا بولىدۇ.
    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ ئەنبياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرىكى بىرقانچە نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن قانۇن چىقىرىش تۈرى بىرىنچىدىن، سانى كۆپ، ئېنىق كۆرسىتىلگەن قانۇن چىقىرىش تۈرى يېقىنقى بىر قانچە نۆۋەتتىكىدىن كۆپ، ئىككىنچىدىن، سالمىقى ئېغىر. بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى دەل ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىگە توغرا كەلدى، قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىدا ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشىش ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلغان، ھەم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلغان.
    قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىدا قانۇن چىقىرىش تۈرىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ئورگىنى ياكى باشلامچى بولۇپ لايىھە تەييارلىغۇچى ئورۇن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۈ ئەنبياۋ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى قانۇن لايىھەسىنى تەييارلايدىغان ۋە باشلامچى بولۇپ لايىھە تەييارلايدىغان ئورۇنلاردا. باشلامچى بولۇپ لايىھە تەييارلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار ‹‹ۋەزىپە، ۋاقىت، تەشكىللەش، مەسئۇلىيەت››تىن ئىبارەت تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، خىزمەت سۈرئىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەسەۋۋۇرى ۋە قەدەم – باسقۇچلىرى، لايىھە تەييارلاش خىزمىتى مەسئۇللىرى، قاتنىشىدىغان ئورۇن ۋە خىزمەت بەنزىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھە تەييارلاش خىزمەت پىلانىنى بېكىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى