تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جاڭكې ۋە ئۇنىڭ خوتەنلىك بالىلىرى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي


    «بالىلار، قاراڭلار، سىلەرنى كىم كۆرگىلى كەپتۇ...»
    «جاڭ كې ئانىمىز، جاڭ كې ئانىمىز...»
    9 -ئاينىڭ 1 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنشو يېزىسى ئىگەنلىك كەنتىدە، چېڭدۇلۇق ئانا جاڭ كې خوتەنلىك بالىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. توققۇز ياشلىق ئىلمىنۇر مەمەتئابدۇللا يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە جاڭ كېنى قۇچاقلىۋالدى.
    «بۇ، چوڭ مۈشۈكئېيىق قونچاق، بۇ، يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن...» جاڭ كې سوۋغاتلارنى كۆڭۈل قويۇپ تۆت ئۈلۈش تەييارلاپ، خوتەندىكى تۆت بالىسىغا ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ جىنسى، يېشى، بوي ئېگىزلىكى، ئېغىرلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان كىيىم - كېچەك سېتىۋالدى، ئوقۇش قوراللىرى، كىتابتىنمۇ نەچچە چوڭ سومكا تەييارلىدى.
    جاڭ كې سىچۈەننىڭ چېڭدۇدىن كەلگەن بولۇپ، بىر بىناكارلىق مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى، ئۇ كاماندىروپكىغا چىققاندا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بېيجىڭلىق بىر كادىر بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بۇ كادىرنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ «بېيجىڭلىق دادا، بېيجىڭلىق ئانىلار قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بۇ كادىرغا ئۆزىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بۇ كادىرنىڭ ئالاقىلىشىپ بېرىشى بىلەن، جاڭ كې بىر قېتىمدىلا تۆت خوتەنلىك تۇغقان تۇتقان.
    جاڭ كې مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ خۇشال – خۇرام ئوقۇشى ئۈچۈن، مەن ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، بالىلار ئېھتىياجلىق بولغان كىتاب، ئوقۇش قوراللىرى، كىيىم – كېچەك قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەلدىم.
    جاڭ كېنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىلمىنۇر ئائىلىسىدىكىلەر بالدۇرلا تەييارلىق قىلىپ قويغانىدى، ساڭزا، قۇيماق، مېۋە – چېۋە، يېڭىدىن پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئۈستەلگە لىق تىزىلغانىدى. ئىلمىنۇر مۇنداق دېدى:    جاڭ كې ئانامنىڭ شۇنچە يىراق جايدىن مېنى كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن، بەك خۇشال بولدۇم!
    جاڭ كې يەنە بىر بالىسى ئابدۇراخمان خېلىلنىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ئابدۇراخمان، چېڭدۇدا يەنە بىر ئۆيۈڭنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالما، كېيىن تەتىلدە چېڭدۇدىكى ئۆيگە بېرىپ ئوينىغىن، بولامدۇ؟ دېدى. تارتىنچاق ئابدۇراخمان ئۆزى ياسىغان ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇمىنى جاڭ كېغا سوۋغا قىلغاچ: چوقۇم بارىمەن، سىزنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىڭىزغا رەھمەت...، دېدى.
    خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازارلىق بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىدە جاڭ كېنىڭ يەنە ئىككى قىزى بار، ئۇلار 14 ياشلىق كەي لى بىلەن 16 ياشلىق ئارزىگۈل، ئىككى بالا جاڭ كېغا چىرايلىق ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. جاڭ كې: تالانتىڭلار بار ئىكەن، ھەم ئەقىللىق ئىكەنسىلەر، ياخشى ئۆگىنىپ، ئۈرۈمچى، بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈڭلار، ئاناڭلارنىڭ يۇرتى چېڭدۇدا ئوقۇساڭلارمۇ بولىدۇ...، دېدى. بالىلار: چوقۇم تىرىشىمىز ئانا، خاتىرجەم بولۇڭ، دەپ جاۋاب بەردى. جاڭ كې ئۇلارغا: يەنە بار، خەت يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، خەتتىن سىلەرنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىشىڭلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمەن، قىيىنچىلىققا يولۇقساڭلارمۇ خېتىڭلاردا يازساڭلار بولىدۇ...، دەپ قايتا – قايتا جېكىلىدى.
    جاڭ كې بالىلار بىلەن تەپسىلىي پاراڭلىشىپ، بالىلارنىڭ قىزىقىشى، ياخشى كۆرىدىغان كىتابىنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇ كېلەر قېتىم كەلگەندە بالىلارغا قانداق سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
    جاڭ كې مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى مەندىن نېمىشقا شۇنچە يىراقتىن كېلىپ بالىلار بىلەن تۇغقان بولۇپ، خۇشاللىقىڭىزدىن ھارغانلىقىڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالىسىز، دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مۇھەببەتنىڭ ھارارىتى بار، ئۇلارنى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن؛ ئۇلارمۇ مېنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالىمەن. بالىلارنىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا بىر كىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.              

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى