تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل كېچىمۇ شىنجاڭنىڭ ئىسىم كارتىسىدۇر

شېن ياپىڭ


        9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ‹‹ساياھەتچىلەر شىنجاڭ كېچىسىنىڭ گۈزەللىكىدىن مەستخۇش بولماقتا›› دېگەن خەۋەر بېرىلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ بېغىشلىدى. گۈزەل كۆك ئاسمان ئاستىدىكى يايلاقلار، كۆللەر تەبىئىي ھالدا كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى، خىرە ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن شەھەر، يېزا – كەنتلەر ئوخشاشلا ئۆزگىچە گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى، چىراغ نۇرى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى گىرەلىشىپ ھاسىل قىلغان گۈزەل كېچە مەنزىرىسىمۇ شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان يارقىن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.
    گۈزەل كېچە مەنزىرىسىگە شىنجاڭنىڭ شېئىرىي تۈسى سىڭگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى، نۇرغۇن جاينىڭ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولۇپلا قالماي، پايانسىز سامانيولىدا چاقنىغان يۇلتۇزلار ساياھەتچىلەرنىڭ نەزەرىدىكى شېئىرىي تۇيغۇ ۋە ‹‹يىراق مەنزىل››گە ئايلاندى، تېخىمۇ مۇھىمى نۇرغۇن ئاسترونومىيە ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى تەلپۈنىدىغان ماكان بولۇپ قالدى.
         گۈزەل كېچە مەنزىرىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى. كەچ كىرىشى بىلەنلا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خۇڭسەن باغچىسىدا تۇرۇپ پۈتۈن شەھەرگە نەزەر سالسىڭىز، موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللار، چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراغلار كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولۇپ، سىزگە بۇ شەھەرنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئوخشاشلا سانجى، شىخەنزە، كورلا، قەشقەر … ھەر بىر شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىمۇ ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تومۇر سوقۇشىنى سېزەلەيسىز.
    گۈزەل كېچە مەنزىرىسى شىنجاڭنىڭ قۇتلۇق-ئىناق ھالىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ھەم جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەچلىك بازارلاردا چىراغلار چاقناپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، كەچلىك بازارلار شىنجاڭ مىللىي ئۆرپ – ئادىتى، مەززىلىك تائاملار مەدەنىيىتى توپلانغان جاي بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە ئازادە كەيپىيات، خۇشال كۈلكە – چاقچاقلاردىن راھەت تۇرمۇشنى، يىللارنىڭ تىنچ، خاتىرجەملىكىنى ھېس قىلدۇردى.
    گۈزەل كېچە مەنزىرىسىمۇ شىنجاڭنىڭ يەنە بىر ئىسىم كارتىسى بولۇپ، بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ مەدەنىي، ئىناق، ئىجابىي، ئالغا ئىنتىلىدىغان ئوبرازىنى نامايان قىلدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق يەتكۈزگەن پايدا. شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ كېچىلىك مەنزىرىلەرنى قەدىرلىشىمىز، بۇ كېچىلىك مەنزىرىلەرنى قوغدىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ شىنجاڭنى تونۇشىغا، شىنجاڭنى چۈشىنىشىگە، شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان گۈزەل كۆزنەكتۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى