تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگو–ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يەتكۈزەيلى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى


    ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، دۇنيانىڭ كەلگۈسى، شۇنداقلا جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى.
    ‹‹جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقى ياش ئەۋلادلارنىڭ قولىدا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلسىلا، جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى جەزمەن تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن ئافرىقا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئافرىقا ئارزۇسى جەزمەن بالدۇر ئەمەلگە ئاشىدۇ››. 2018 – يىللىق جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو – ئافرىقا تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، چوڭقۇر ھالدا: ‹‹ياشلار جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى››، دەپ كۆرسەتتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگو – ئافرىقا ياشلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، جۇڭگو – ئافرىقا ياشلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىگە، جۇڭگو – ئافرىقىنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىقىنىڭ مەڭگۈ ئالغا سىلجىشى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
    جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ياشلار باشتىن – ئاخىر مۇھىم رول ئوينىماقتا. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ئافرىقا ياشلىرى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئافرىقا مەدەنىيىتىنى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنى ئافرىقىغا ئېلىپ باردى؛ تۈركۈم – تۈركۈم جۇڭگو ياشلىرى ئافرىقىغا بېرىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا قاتناشتى. جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان تانزانىيە – زامبىيە تۆمۈر يولى، ئافرىقا ئىتتىپاقى يىغىن مەركىزى جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئابىدىسىگە ئايلاندى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئافرىقىنىڭ ئېبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىدە باشلامچىلىق بىلەن ھەرىكەت قوللىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببىتىنى شەرھلىدى؛ ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قايتىشىنى خالىس قوللىدى، جۇڭگونىڭ ۋېنچۈەن، يۈشۇ قاتارلىق جايلىرىدا ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن بەس – بەستە جۇڭگو تەرەپكە پۇل ئىئانە قىلدى... جۇڭگو – ئافرىقا ئالاقىسىدىكى بۇنداق تەسىرلىك ھېكايىلەر، ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى جۇڭگو – ئافرىقا ياشلىرىنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى ۋە قىزغىن قاتنىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو – ئافرىقا ياشلىرى ئىسسىق قان – تەر ئاققۇزۇش، جان تىكىپ ئېلىشىش ۋە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق جۇڭگو – ئافرىقا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇقىنى تارىختىن بۇيان مۇستەھكەملەپ، تارىختىن بۇيان يېڭىلاپ كەلدى.
    ‹‹دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە خەلق ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىشىشىغا باغلىق››، ھالبۇكى، ‹‹خەلق ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش››نى ياشلاردىن باشلاش كېرەك. بۇلتۇر 10 – ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۆزئارا خەت يېزىشىپ، ئۇلارنى ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ياراملىق بولۇپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقى ۋە جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى، بۇ، ئافرىقا ياشلىرىغا غايەت زور ئىلھام بولدى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىشىش جەريانىدا، جۇڭگو ياشلارغا باشتىن – ئاخىر يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئافرىقا ياشلىرىغا قارىتىلغان دوستلۇق خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇردى. 2015 – يىللىق جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو ئافرىقىغا تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا خادىمىدىن تەخمىنەن 200 مىڭنى تەربىيەلەپ بەردى، جۇڭگوغا كېلىپ تەربىيەلىنىشكە تەخمىنەن 40 مىڭ سان، ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپاتىغا 20 مىڭدىن ئارتۇق سان ۋە ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان ئۈچۈن ئوقۇشقا 1700 دىن ئارتۇق سان بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، 3000دىن ئارتۇق جۇڭگو كارخانىسى ئافرىقىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئافرىقا ياشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ‹‹جۇڭگو – ئافرىقا ياشلىرى كەڭ كۆلەمدە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش››، ‹‹ئاسىيا – ئافرىقا ياشلىرى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمى›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو – ئافرىقا ياشلىرى ئالاقىلىشىدىغان كەڭ سۇپا بەرپا قىلدى، جۇڭگو – ئافرىقا ياشلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.
    ‹‹كەلگۈسى ياش ئەۋلادلارغا مەنسۇپ››، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى ئارقىلىق بارلىق جۇڭگو – ئافرىقا ياشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشمۇ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو – ئافرىقا ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت›› تەشەببۇسىدىكى نۇرغۇن تەدبىردە ياشلار، ياشلارنى يېتىشتۈرۈش، ياشلارغا يار – يۆلەك بولۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ياشلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىلدى. ئافرىقىغا 500 يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسى ئەۋەتىپ، ياش يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە دېھقان بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن، ئافرىقىدا ئون لۇبەن ھۈنەرخانىسى تەسىس قىلىپ، ئافرىقا ياشلىرىنى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەشكىچە؛ ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدىكى جۇڭگو – ئافرىقا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇشنى قوللاشتىن، ئافرىقىغا جۇڭگو ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپاتىدىن 50 مىڭ سان، ئافرىقىغا تەتقىق قىلىش – بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى ئۈچۈن 50 مىڭ سان بېرىش، ئافرىقىلىق 2000 ياشنى جۇڭگوغا كېلىپ ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشقىچە، ئافرىقا ياشلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان بۇ ھەرىكەتلەر ھازىرقى ئافرىقىنىڭ ئاھالە قۇرۇلمىسى ئالاھىدىلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ماس كەلگەن، جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، چوقۇم جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    ‹‹سەھەردىكى قۇياش پارلاق نۇر چاچىدۇ››. ياشلار ئەڭ غەيرەتلىك، ئارزۇغا ئەڭ باي بولۇپ، كەلگۈسىنىڭ باشلامچىلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرى. جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىش بولۇپ، جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىكى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىرادىلىك ياشلارنىڭ داۋاملىق ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. جۇڭگو – ئافرىقا ياشلىرى دەۋر چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلسىلا، جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ۋارىسلىرى بار بولىدۇ، ياشلىق باھارى ۋە ھاياتىي كۈچى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىنىدۇ.


(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى