تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت›› ئارقىلىق ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى

——رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  رېئاللىق قىرغاقنىڭ بۇ تەرىپى، غايە قىرغاقنىڭ ئۇ تەرىپى، ئۇلارنى شىددەتلىك دەريا ئېقىنى ئايرىپ تۇرىدۇ، ھەرىكەت ئاشۇ دەريا ئېقىنىغا سېلىنغان كۆۋرۈكتۇر.

  ‹‹جۇڭگو يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو – ئافرىقا <ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى>نى ئالغا سىلجىتىش ئاساسىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىل ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە <سەككىز چوڭ ھەرىكەت>نى نۇقتىلىق يولغا قويۇشنى خالايدۇ››، 2018 – يىللىق جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ رېئال ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئەۋزەل ساھەسى ۋە مۇھىم نۇقتىلىق يۆنىلىشىنى ھەر تەرەپتىن پىلانلاپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىن سۈرەتلەپ بەردى.

  2015 – يىللىق جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ‹‹ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى››نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى: تۆمۈريول، تاشيول، ئايروپورت، پورت قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھە ھەمدە ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق رايونى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلدى ياكى قۇرۇلماقتا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تىنچلىق – خەۋپسىزلىك، پەن – مائارىپ – مەدەنىيەت – سەھىيە، نامراتلارنى ئازايتىش – خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلئارا ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. ‹‹ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى›› جۇڭگو – ئافرىقا خەلقلىرىگە مول نەتىجە ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق ئىجادچانلىق كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، ھەرىكەت كۈچىنى نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. كەلگۈسى ئۈچ يىل ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلگە نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا جۇڭگو – ئافرىقا ‹‹ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى››نى ئالغا سىلجىتىش ئاساسىدا ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت››نى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئافرىقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق، جۇڭگو – ئافرىقا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشقان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئىككىلا تەرەپ ئۆزئارا ئېھتىياجلىق، ئۆزئارا ئەۋزەللىككە ئىگە، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. ‹‹ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى››دىن ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت››كىچە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىشىش قەتئىي ئىرادىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش نامايان قىلىندى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق ئىدىيەسى نامايان قىلىندى. كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ساغلاملىق – ساقلىقنى ساقلاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى، تىنچلىق – خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت بۇ ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت›› جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹2063 – يىل قارالمىسى››، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 – يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەم ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىك ساھەسىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ زورايتىپ، ھەم يېڭى ئىقتىسادىي ساھەلەردە يارقىن نۇقتا يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى قېزىپ چىقىپ، يېڭى ھەمكارلىق بوشلۇقى ئېچىپ بەردى.

  يول مېڭىش ئارقىلىق ئېچىلىدۇ، ئىشلار قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىلىدۇ، گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى پۇختا ھەرىكەتكە موھتاج. ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت›› جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەممىسى سەمىمىيەتكە تولغان، ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلار بولۇپ، ھەقىقىي، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت – مەنپەئەت قارىشىنى نامايان قىلىدۇ. ئىدىيەنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت››نىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولىدۇ. بىز قەتئىي بوشاشماي جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ باراقسانلىتىمىز؛ قەتئىي بوشاشماي جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلايمىز؛ قەتئىي بوشاشماي جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو – ئافرىقا خەلقلىرىنى ھەمكارلىق نەتىجىسىدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرىمىز؛ قەتئىي بوشاشماي جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق – تەرەققىيات زور تاشقىنىنى تېخىمۇ مەۋج ئۇرغۇزىمىز.

  ‹‹توپا يىغىلسا تاغ بولىدۇ، سۇ يىغىلسا دېڭىز بولىدۇ››. جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتى بىر كۈندىلا تەرەققىي قىلغان ئەمەس، ئۇنى باشقىلار بەرگەنمۇ ئەمەس، بەلكى، جۇڭگو – ئافرىقا ئىككى تەرەپ بوران – چاپقۇندا، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن مېڭىپ قولغا كەلتۈرگەن. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقى مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان ھەرىكەت قىلغۇچىلارنى چاقىرىدۇ، ئەستايىدىل ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە موھتاج. جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىدىغان چوڭقۇر مەزمۇنىدىن كۈچ ئېلىپ، جۇڭگو – ئافرىقا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ جۇشقۇن ۋەزىيىتىدىن يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئويلىغاننى تەڭ ئويلاپ، كۈچنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەپ، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو – ئافرىقا خەلقلىرىگە بەخت يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.