تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن ما جىنۋۇ

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز لى شيا خەۋىرى: يېقىندا چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى چېڭ جېنلىننىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان بىر ئۇچۇرى دوستلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئېدى: «8-ئاينىڭ 11-كۈنى نەۋرەمنى ئېلىپ <ئاۋبۇ> ئورمان ئېكولوگىيە دېھقانچىلىق مەيدانىدا سەيلە قىلدىم. نەۋرەم سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ يېنىدا سۇ ئويناۋېتىپ تېيىلىپ كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى، بەختكە يارىشا ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى قۇتقۇزۇۋالغاچقا بالا يارىلانمىدى، لېكىن ياخشى نىيەتلىك بۇ كىشىنىڭ ئۈست-بېشى ھۆل بولۇپ، يان تېلېفونى ۋە ئاپتوموبىل ئاچقۇچى سۇغا چېلىشىپ كەتتى. بۇ ئىشتىن كېيىن ياخشى نىيەتلىك كىشى ئىسىمىنى ئاشكارىلىمىدى، ئۇنىڭغا رەھمەت يۈزىسىدىن پۇل بەرسەممۇ ئالمىدى... مەن ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا مەدھىيە ئوقۇيمەن».

  ئىگىلىنىشىچە، چېڭ جېنلىڭ چۆچەك شەھىرىدىن بولۇپ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە بېيجىڭ شەھىرىدە تۇرغان. ئۇ ھەر يىلى يازدا نەۋرىسى زەيزەينى ئېلىپ چۆچەككە قايتىپ كېلىدىكەن. شۇ كۈنى چېڭ جېنلىڭنىڭ ساۋاقدىشى ئۇلار بىر ئائىلىلىكنى ئورمان ئېكولوگىيە دېھقانچىلىق مەيدانىغا سەيلە قىلىشقا تەكلىپ قىلغان.

  چېڭ جېنلىڭ مۇنداق دېدى: «بالىلار سۇغا ئامراق كېلىدۇ، زەيزەي دېھقانچىلىق مەيدانىدا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى كۆرۈپ سۇغا چۈشىمەن، دەپ تۇرۇۋالدى. دەسلەپتە ئۇ سۇ ئۈزۈش چەمبىرىكى ئىشلىتىپ كىچىك كۆلچەكتە ئوينىدى، قارىسام خېلى بىخەتەر ئويناۋاتقان ئىدى. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ كۆلنىڭ چوڭقۇر يېرىگە بېرىپ قېلىپ تېيلىپ چۈشۈپ كەتتى...»

  نەۋرىسىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېڭ جېنلىڭ قۇتقۇزۇشقا ئادەم توۋلاي دەپ تۇرۇشىغا، ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ بالىنى قۇتقۇزۇۋالغان.

  ياخشى نىيەتلىك كىشى چېڭ جېنلىڭنىڭ نەۋرىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن بۇرۇلۇپلا قايتىپ كەتكەن، چېڭ جېنلىڭ ئۇنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئادرېسىنى سورىغاندا، ئۇ: «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، تۈزۈت قىلماڭ» دېگەن. بۇ ئىشتىن كېيىن چېڭ جېنلىڭ بۇ ياخشى نىيەتلىك كىشىنىڭ ما جىنۋۇ بولۇپ، دۇڭشياڭ مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى