تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاناس مەنزىرە رايونى كۈچەپ بەرپا قىلغان ئېكولوگىيە ساياھىتى ئۈزلۈكسىز پايدا يەتكۈزمەكتە

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې خۇڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر خەن لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس مەنزىرە رايونىدا يېغىۋاتقان سىم – سىم يامغۇر بۇ جايغا ئارامبەخشلىك ئاتا قىلغانىدى. كەنت ئاھالىسى مىرانبېك خالىخ شۇ كۈنىدىكى ئاخىرقى بىر تۈركۈم مېھماننى كۈتۈۋالدى. ئۆزگىچە ياسالغان كىچىك ياغاچ ئۆي، ھويلىغا تېرىلغان كېسانگۈلى، ئاپتاپپەرەسلەر، قويۇق مىللىيچە بېزەلگەن ئۆي، مۇۋاپىق باھا... تيەنجىندىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ جېنيىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇلارنى كۆرۈپ، رازىمەنلىك بىلەن دەرھال بۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتى. ۋاڭ جېنيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل ئىكەن، بۇ دەل كۆڭلۈمدىكىدەك يېزا – قىشلاق تۇرمۇشى، ئۆي سەرەمجانلىرىمۇ تولۇق ئىكەن، بۇ يەردە تۇرۇپ كۆڭلۈم بەكلا ئېچىلىپ قالدى.

  تېخى بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا، قۇم كەنتىنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئېلان تاختىلىرى كۆزگە چېلىقىپلا تۇراتتى، ھەممە ئائىلە رەڭلىك پولات تاختايدىن ئۆي سېلىۋالغاچقا، كەنتتە بوشلۇق تارىيىپ، ئوت مۇداپىئە يوشۇرۇن خەۋپىنى پەيدا قىلىش بىلەن بىللە، كەنتنىڭ ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى قىياپىتىمۇ يوقىلىپ كەتكەنىدى.

  بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى چۇۋۇپ تاشلاش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، گۈل – گىياھ ئۆستۈرۈش، بۇلغىما چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش قاتارلىق يۈرۈشلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق قاناس مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكتە يىرىك شەكىلدىن ئىنچىكىلەشكەن تىجارەتكە ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيە ساياھىتىدىن ئۈزلۈكسىز پايدا ياراتتى. بۇلتۇر بىر يىلدىلا، قاناس مەنزىرە رايونى قۇم كەنتى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا 100 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن كۆپرەك بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش چۇۋۇپ تاشلاندى.

  قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1 – شۇجى ۋاڭ شىنخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز نەچچە مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىپ، ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر كىشىنى گۈل تېرىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، قەدىمىي كەنتنىڭ ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك قىياپىتىنى ساقلاپ قالدۇق.

  مىرانبېك خالىخ مۇنداق دېدى: قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشلار چۇۋۇپ تاشلىنىپ، ئەخلەتلەر تازىلانغاندىن كېيىن، مۇھىت گۈزەللەشتى، كەنتتىكى ھەممە ئائىلە باھادا بەسلەشمەي، ئۆز ئائىلىسىنىڭ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشتە بەسلەشتى، ساياھەتچىلەر بۇنى ھېس قىلدى، بىزنىڭ ھازىرقى كىرىمىمىز ئىلگىرىكىدىن بىر قاتلاندى.

  قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بۇ يىل ‹‹ئورمانلىقنى تازىلاش›› مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى، ‹‹يېشىل قالقان 2018›› مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، باشقۇرۇش – ئاسراش خادىملىرىنى ئورمان رايونىدىكى ھەر خىل ئەخلەتلەرنى تازىلاشقا ھەم شەمشاد، قېيىن، قاراقات كۆچەتلىرىدىن 4000 تۈپ تىكىشكە تەشكىللىدى، 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ چۆل يالپۇزى، ئۈچقۇلاق، ئالتۇنباش قاتارلىق ئۆزگىچە ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ، ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى جەمئىي 50 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزدى.

  قاناس مەنزىرە رايونىدا، شىنجاڭ كاڭخۇي تەبىئەت خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى ۋۇ ئەيگو تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەرگە قاناس كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئۆمەك باشلاپ قاناس مەنزىرە رايونىغا كېلىۋاتقىنىمغا ئون يىل بولۇپ قالدى، قاناس مەنزىرە رايونى تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ، يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ سالمىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ، ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتى ئىنتايىن ياخشى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەشتە قاناس مەنزىرە رايونىنى ئالدىن تاللايمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، قاناس مەنزىرە رايونى قەدىمىي كەنتنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، قاڭالتىرلىق ئۆگزىلەرنى ياغاچ ئۆگزىگە، سىم توسۇقلارنى ياغاچ قاشالارغا ئۆزگەرتىش، ئاق رەڭلىك سولياۋ پولاتلىق دېرىزە رامكىلىرىنىڭ رەڭگىنى سۇسلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزگىچە كەنتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن؛ تەبىئىي ئوتلاقلارنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ مەنبەسى رايونىدا چارۋا بېقىشنى چەكلەش رايونىدىن 160 مىڭ مونى ئايرىپ چىققان. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، قاناستا يەنە تۆت ئورۇندا يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى ۋە قويۇپ بېرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش جەھەتتە ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشنى تاماملاپ، يېزا ۋە مەنزىرە رايونلىرىدا ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ئائىلە ھاجەتخانىلىرى ۋە ئاممىۋى ھاجەتخانىلاردىن %85تىن كۆپرەكىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلايدىكەن.

  قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى لى ياڭياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەنزىرە رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان، ھازىرغا قەدەر، ساياھەت مەنزىرە رايونى بۇ يىل جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 3 مىليون 5300 ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى