ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
جۇڭگو ئارزۇسى تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش ئارزۇسى، بىزنىڭ ئىنتىلىدىغىنىمىز جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت – سائادىتى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بەخت – سائادىتى.
‹‹بىز ئافرىقا خەلقى بىلەن ئويلىغاننى تەڭ ئويلاپ، كۈچنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەشنى خالايمىز››. 2018 – يىللىق جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو – ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئورتاق ئىنتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق يارىتىدىغان، ئىناق ئۆتۈپ ئورتاق ياشايدىغان جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاش، جۇڭگو – ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ھېسسىيات رىشتىنى چىڭىتىش، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر مەزمۇنىنى بېيىتىش، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر، مۇستەھكەم، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدە مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
‹‹دېڭىزنىڭ چەكسىزلىكى دەريا – ئېقىنلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قۇيۇلۇشىدىن مۇستەسنا ئەمەس››. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئافرىقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا بۇرۇنلا بىر – بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلغان. ئورتاق تارىخىي سەرگۈزەشتلىرى، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ۋە سىياسىي ئارزۇ – تەلىپى بولغاچقا، جۇڭگو – ئافرىقا خەلقلىرى ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. بۈگۈنكى كۈندە، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر سانائەتلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك كۆزلەپ، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەۋاتىدۇ، جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاش ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تەرەققىيات شەرتىنى ھازىرلىدى. يېڭى دەۋردە جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاپ، چەكسىز گۈزەل ئىستىقبالنى كۈتۈۋالماقتا؛ قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالماقتا.
‹‹دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەندىلا، تەرەققىياتتىن نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ››. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەر بىر ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ماسلىشىش نۇقتىسى ۋە ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىپ، جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىدە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغىنىمىزدا، يېڭى ۋەزىيەت ۋە خىرىسقا يۈزلەنگىنىمىزدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئالتە قول تۇتۇشۇش››تا تاغنى يېرىپ يول ئاچىدىغان، سۇ ئۇچرىسا كۆۋرۈك سالىدىغان يول ئېچىش روھى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە تېخىمۇ روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكى، تېخىمۇ مول ھەمكارلىق مەزمۇنى، تېخىمۇ ئېنىق قۇرۇلۇش يولى ئاتا قىلدى. قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تەجرىبە توپلاپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىگەندە، ئاندىن جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى زورايتىپ، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنيانى تېخىمۇ تەڭپۇڭ گۈزەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن دەۋر ئۈلگىسى تىكلەپ بەرگىلى بولىدۇ.
‹‹يالغۇز ئادەمنىڭ نەرسىنى كۆتۈرۈشى قىيىنغا توختايدۇ، كۆپچىلىك بىرلەشسە ئىلگىرىلىشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ››. قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ھەم ئىدىيە، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەت. مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىشتا، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى چۈشىنىشنى، قوللاشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ۋە بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ئېلىپ كەلگەن مۇھىم، زور پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹2063 – يىل قارالمىسى››، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 – يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ھەمدە ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۆزئارا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېڭى ھەمكارلىق بوشلۇقى ئېچىپ، يېڭى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىش كېرەك. بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش كېرەك. مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشتە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، يۇغۇرۇلۇشى، ئورتاق مەۋجۇت بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – ئافرىقا خەلقىنىڭ ھېسسىيات رىشتىنى چىڭىتىش كېرەك. خەۋپسىزلىكنى ئورتاق يارىتىشتا، جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافرىقا مەسىلىسىنى ئافرىقا ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇقىملىقنى قوغداش، تىنچلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىناق ئۆتۈپ ئورتاق ياشاش ئۈچۈن، جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
‹‹چىڭ سىقىلغان قول›› جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ يىغىن بەلگىسى، شۇنداقلا جۇڭگو – ئافرىقا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى ۋە 1 مىليارد 200 مىليوندىن ئارتۇق ئافرىقا خەلقىنىڭ تەقدىرى ئۆزئارا باغلانغان، قەلبى تۇتاشقان. بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەيدىغانلا بولساق، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار ئىشى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ، جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى)