تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

يالغۇزلۇقنىڭ تەسىرى

ماتېرىيال سۈرەت

    يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى:فىرانسىيە «لې فىگارو گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يالغۇزلۇق يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، بۇ نۇقتا ئەرلەردە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدىكەن.

  ئىجتىمائىي ئالاقە تەنھالىقى ئاجىز يۈرەكنى تېخىمۇ ئاسان زەخمىگە ئۇچرىتامدۇ؟ كوپېنھاگېن داشۆسى يۈرەك كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىلمى دوكتورى ئاننى ۋىگارد كرىستېنسېن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي ئالاقە تەنھالىقىنىڭ ئەر ۋە ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئوخشىمايدۇ. دوكتور ئاننى ۋىگارد كرىستېنسېننىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، دانىيەدىكى بىر يۈرەك كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ 2013-يىلى 4-ئايدىن 2014-يىلى 4-ئايغىچە ئومۇمىي قوبۇل قىلغان بىمار سانى 13 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ بىمارلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 65 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمى يۈرەك موسكۇل تىقىلمىسى سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا كىرگەن، ئۈچتىن بىر قىسىمى يۈرەك رىتىمسىزلىقى سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا كىرگەن، قالغانلىرى يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى يۈرەك كىلاپانى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرگەن. بىمارلار ئىچىدە ئەر بىمارلار %70 تىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن. ئاننى ۋىگارد كرىستېنسېننىڭ يەنە بايقىشىچە، يالغۇز تۇرىدىغان ئەرلەرنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىپ بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى باشقىلاردىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، يالغۇز تۇرىدىغان ئاياللاردا بۇنداق كۈتۈلمىگەن خەۋپ-خەتەر كۆرۈلمەيدىكەن.

  ئاننى ۋىگارد كرىستېنسېن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بەزى تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر ئالدى بىلەن ئايالىنىڭ قوللىشىغا تېخىمۇ مايىل بولىدىكەن، ئەمما ئاياللار جورىسىدىن باشقا ئادەملەرنىڭ قوللىشىغا مايىل بولىدىكەن.

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ۋۇجېن بازىرىنىڭ گۈزەل كېچە مەنزىرىسى
  • تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىردى
  • كۆنچى دەرياسىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئاق قۇلار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى