باش تېرىسىدىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، تېرە ياللۇغى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر چاچتا غەيرىي پۇراق پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق بۇ پۇراقنى يوقاتماقچى بولسىمۇ، ئەمما تەرلىگەندىن كېيىن بۇ خىل پۇراق تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى زىيادە كۆپ ئىشلەتمەسلىك، ئىككى- ئۈچ كۈندە بىر قېتىم چاچ يۇيۇش
ساغلام باش تېرىسىدىكى تېرە مېيى بىلەن تەر، باش تېرىسىنى قوغدايدىغان «توسۇق» ـــ تېرە ماي پەردىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئېپىدېرما ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىق باكتېرىيەلەر باش تېرىسىگە ماكانلىشىدۇ. ئۇلار باش تېرىسى مۇھىتىنى تەڭشەپ زەمبۇرۇغ، سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار ئېلىپ كەلگەن غەيرىي پۇراق ۋە كېسەللىكلەردىكى «زىيانلىق باكتېرىيە» لەر بىلەن «جەڭ قىلىدۇ». دائىم چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى كۆپ ئىشلەتكەندە «پايدىلىق باكتېرىيە» لەر يۇيۇلۇپ كېتىپ، «زىيانلىق باكتېرىيە» لەر كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تازىلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ساغلام تېرە مېيى پەردىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. تېرە مېيىنى تولۇقلاش ئۈچۈن تېرە كۆپلەپ ئاجرىتىپ چىقارغان ئارتۇق ماي چاچ يىلتىزى ئەتراپىغا يىغىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چاچ غەيرىي پۇراپ، كېپەك كۆپىيىپ كېتىدۇ.
خەلق تورى ساغلاملىق سەھىپىسى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى