9-ئاينىڭ 5-كۈنى، خېڭشۇي شەھەرلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئوقۇغۇچىلارغا ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنى تونۇشتۇرماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۇي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى «چيەنجىن» باشلانغۇچ مەكتىپى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ماڭا ھەمراھ» باش تېمىسىدا تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئوقۇغۇچىلار ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى چۈشىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش ماھارەت مەشىقىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئوت ئۆچۈرۈش ساۋاتلىرىنى ئىگىلەپ، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتتى. (جۇ شۈدۇڭ فوتوسى)