تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ دەۋر سوئالىغا ياخشى جاۋاب بېرىش

 ——رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ھەربىر دەۋرنىڭ باش تېمىسى بولىدۇ، ھەربىر دەۋردىكىلەرنىڭ بۇرچى بولىدۇ.

  ‹‹بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ھازىرقى دەۋرنىڭ باش تېمىسى، شۇنداقلا دەۋر سوئالى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىق، پاراسەتلىك ۋە قەيسەرلىك بىلەن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ››. 2018–يىلى جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى قول تۇتۇشۇپ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىق قىلىپ، دەۋرنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرىدىغان جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئالەمچە مېھىر – مۇھەببەتنى تولۇق نامايان قىلدى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى تولۇق ئىپادىلىدى.

  دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى. ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن ھازىرقىدەك زىچ باغلىنىپ باقمىغان. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. دەۋر سوئالى ئالدىدا، جۇڭگو ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلدى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، دوستانە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل–ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۆلەتلەر ئارا ئالاقىلىشىش يېڭى يولىدا مېڭىپ، دۇنيانى تېخىمۇ تىنچ، خاتىرجەم قىلىشنى، ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىشنى خالايدۇ.

  دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت ياراتقىلى بولىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۆزگىرىشىنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان، جاپا–مۇشەققەتتە بىر–بىرىگە ھەمدەم بولىدىغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلغان بولۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يېڭى تەپەككۇر، يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى. دەۋر سوئالى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقئارادىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ. بىز خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ بۇ يېڭى سۇپىسى ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئىدىيە ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، نىشان چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە زور بىر تۈركۈم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بۇ، يېقىنقى دەۋردىن بۇيانقى خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى ئەڭ ئىنقىلابىيلىققا ئىگە ئۆزگىرىشتۇر. دەۋر سوئالى ئالدىدا، جۇڭگو دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنيانى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى جەنۇب تەرەپ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش، كۈچەيتىشنى قوللاپ، جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى قوللاپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئىتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ ئەكس ئەتتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  دۇنياغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار يەنىلا نۇرغۇن. بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىدە ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلۈش خاھىشى ئېغىرلاشماقتا، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرمەكتە، ‹‹دۇنياۋىلىشىشقا قارشى›› ئىدىيەۋى ئېقىم ئاستىرتىن ئەۋج ئالماقتا. ئېچىۋېتىش ياكى بېكىنىۋېلىش، ئىلگىرىلەش ياكى چېكىنىش ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مۇھىم، زور تاللاشتۇر. دەۋر سوئالى ئالدىدا، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئالدىدا، جۇڭگو ئوچۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغدايدۇ، قورۇقچىلىققا، بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى تۇرىدۇ، ئۆز – ئۆزىنى بېكىندۈرىدىغان يالغۇز ئارالغا قامىلىۋېلىشنىڭ ئىستىقبالى يوق.

  دۇنيادا توغرا ئورۇندا تۇرۇش، توغرا يول تۇتۇش كېرەك. تارىخنى باتۇرلار يارىتىدۇ، ھەرقانچە زور قىيىنچىلىقمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ. تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش لوگىكىسىدا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا راۋاجلىنىدىغانلا بولساق، تىنچلىق مەشئىلىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يەتكۈزۈپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىكنىڭ شانلىق نۇرىنى تېخىمۇ چاقنىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 5–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.