تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 104 مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىئانىگە ئېرىشتى

مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ۋە مېھرىبان كىشىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 60-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

  مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۈن جېنخاۋ خەۋىرى، فوتوسى: چاڭجياڭ سودا شۆيۈەنىنىڭ 30-قارارلىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى خې يۈن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئىككى بالام بار، بۈگۈن ئىئانىگە ئېرىشكەن بالىلارنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم، ئۇلارنىڭ پارلاق كېلەچىكى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭغا كەلگەن چاڭجياڭ سودا شۆيۈەنى بىلەن بېيجىڭ «مېيجياڭ» فوندى جەمئىيىتى شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، شىنجاڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 60-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ مەكتەپتىكى 104 مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىغا 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 60-ئوتتۇرا مەكتەپ 6-يىللىق 4-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى نەسرۇللا مۇتەللىپ ئۇدا بەش يىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: تاغا، ھەدىلەرنىڭ ماڭا ياردەم قىلغىنىغا ۋە مېنى قوللىغىنىغا رەھمەت، مەن داۋاملىق تىرىشىپ، ياخشى ئوقۇپ، ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى