خېجىڭ ناھىيەسى خېجىڭ بازىرى ئالتۇن بۇلاق كەنتىدىكى شاپتۇللار پىشتى، خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى سەي رېن (سولدىن 1-كىشى) دېھقان نيۇ مەنتاڭ (ئوڭدىن 2-كىشى) غا ياردەملىشىپ شاپتۇللارنى ئۈزمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاڭ يۈ، ۋېي ليەنشياڭ، ياڭ جياشىن خەۋىرى، فوتوسى. خېجىڭ ناھىيەسى خېجىڭ بازىرى ئالتۇن بۇلاق كەنتى 4-گۇرۇپپىسىدىكى يەرلىك شاپتۇل تېرىغان نيۇ مەنتاڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنى خۇشال ھالدا: «خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ يەرلىك شاپتۇللىرى ئەمدىلا بازارغا سېلىندى، كۈنىگە 400 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئۈزگىلى بولىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنى تۆت يۈەن توپ تارقىتىش باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، كۈنىگە 1600 يۈەن تاپقىلى بولىدۇ. يەرلىك شاپتۇل بىز دېھقانلارنى باي قىلىدىغان <ئالتۇن مېۋە> بولۇپ قالدى» دېدى.
مۇخبىر نيۇ مەنتاڭنىڭ شاپتۇللۇقىدا مەي باغلاپ پىشقان شاپتۇللارنىڭ شاخلاردا ئېسىلىپ، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغانلىقىنى، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئىككى ئەزانىڭ نيۇ مەنتاڭغا ياردەملىشىپ شاپتۇللارنى ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئىلگىرى ئاساسلىقى بۇغداي ۋە كۆممىقوناق تېرىغان نيۇ مەنتاڭ ھازىر يەرلىك شاپتۇل تىكىپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى.
خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نيۇ مەنتاڭغا ياردەملىشىپ شاپتۇللارنى ئۈزمەكتە.
نيۇ مەنتاڭ: «ئىلگىرى شاپتۇل پىشقاندىلا ئاندىن ھوسۇل ئالاتتۇق، ھازىر بولسا شاپتۇل چېچەكلىگەندە ساياھەتچىلەر كېلىدۇ؛ مېۋە شالاڭلىتىش مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساياھىتى قىلىدۇ؛ شاپتۇللار پىشقاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر يەنە شاپتۇل ئۈزۈشكە كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر دېھقانلار شاپتۇل پىشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا مول ھوسۇل ئالىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ» دېدى.
خېجىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ يەرلىك شاپتۇل سورتىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپلا قالماي، يەنە شاپتۇل پىشقاندا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ شاپتۇل ئۈزۈشكە ياردەملەشتى، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ دېھقانلارنىڭ شاپتۇل سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ بەردى.