9-ئاينىڭ 5-كۈنى، چاڭشىڭ ناھىيەسىدىكى «جيېتۇڭ» سۇ يولى كونتېينېر پورتىدا خىزمەتچى خادىملار كونتېينېرلارنى يۆتكىمەكتە. (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چاڭشىڭ ناھىيەسى جېجياڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە تۇتىشىدىغان جايغا جايلاشقان، رايون دائىرىسىدە تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى تورى تەرەققىي قىلغان، كۆرۈنەرلىك رايون قاتناش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. بۇ جايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۆمۈريول چاڭشىڭ جەنۇبىي يۈك مەيدانى، شۇنداقلا سۇ يولى تىرانسپورتى كونتېينېر پورتى قاتارلىق «تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى» بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزى تېز تەرەققىي قىلىپ، تاۋار توشۇش، تاۋار سودىسى قىلىشتىكى ئوبوروت تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، شۇ جاي ۋە ئەتراپىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى. (شۈ يۈ فوتوسى)